حديث للعالم
اضغط على الصورة لعرضها بالحجم الكامل
ئەقىدە ئىلمى

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:

متاح بـ 65 لغة
«ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « ئاللاھ تائالا ھەر كېچىسى كېچىنىڭ ئاخىرىقى ئۈچتىن بىرى قالغاندا دۇنيانىڭ ئاسمىنىغا چۈشۈپ، مۇنداق دەيدۇ: «كىم ماڭا دۇئا قىلسا دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن، كىم مەندىن بىر نەرسە سورىسا، سورىغىنىنى بېرىمەن، كىم مەندىن كەچۈرۈم تەلەپ قىلسا ئۇنى ئەپۇ قىلىمەن؟دەيدۇ».»

ترجمة بالمعنى ·

شرح الحديث

خلاصة المعنى بعبارة ميسّرة

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ ھەر كېچىسى كېچىنىڭ ئاخىرىقى ئۈچتىن بىرىدە دۇنيانىڭ ئاسمىنىغا چۈشۈپ بەندىلىرىنى ئۆزىگە دۇئا قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدىغانلىقى، دۇئا قىلغان كىشىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىدىغانلىقى، ئۇلارنى خالىغان نەرسىسىنى سوراشقا قىزىقتۇرىدىغانلىقى، ئۇلارغا سورىغىنىنى بېرىدىغانلىقى، ئۇلارنى ئىستىغپار ئېيتىپ خاتالىقلىرىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشىنى سوراشقا بۇيرىغانلىقى، ئاللاھنىڭ مۇئ‍مىن بەندىلىرىنى كەچۈرۈم قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ.

المصدر
بىرلىككە كەلگەن
تحميل الصورة

ستُحفظ الصورة بجودتها الأصلية