حديث للعالم

كل الأحاديث

مجموعة البطاقات كاملة، رتّبها بحسب الباب

655 حديث

ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «رامىزاندا ئۆمرە قىلىش (پەزىلەتتە) ھەج قىلغانغا ياكى مەن بىلەن بىرگە ھەج قىلغانغا باراۋەر بولىدۇ» دېگەنھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
فۇزالە ئىبنى ئۇبەيىد، سەلمان ئەلفارىسي ۋە ئۇقبە ئىبنى ئامىرلار پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن: «ھەر قانداق كىشىنىڭ ئەمىلى ئۆلۈم بىلەن ئۈزىلىدۇ، پەقەت ئاللاھ يولىدىكى مۇھاپىزەتچى بۇنىڭ سىرتىدا بولۇپ، ئۇنىڭ ئەمىلى قىيامەت كۈنىگىچە كۆپىيىدۇ ۋە قەبرە ئازابىدىن خاتىرجەم بولىدۇ» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلدىتىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم: «ئاللاھ ئۈچۈن ھەج قىلغان كىشى ھەجگە بېرىپ قايتقىچە ناچار گەپ-سۆز ۋە گۇناھ-مەئ‍سىيەتتىن ساقلانسا، ئانىسىدىن تۇغۇلغان كۈنىدىكىدەك گۇناھدىن پاك بولغان ھالەتتە قايتىدۇ».بىرلىككە كەلگەن
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: مەن: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى!، جىھاد قىلىش ئەمەللەرنىڭ ئەۋزىلى ئىكەن، بىزمۇ جىھاد قىلمايلىمۇ؟ دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سىلەر (ئاياللار) ئۈچۈن جىھادنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى گۇناھ ئارىلىشىپ قالمىغان ھەجدۇر»بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى بۇرۇنقى ۋە كېيىنكى بارلىق ئۈممەتلەرنى يىغقاندا، ئاللاھنىڭ ئەھدىسىگە خىيانەت قىلغان ھەر بىر خىيانەتچى ئۈچۈن بايراق تىكلەپ قويىدۇ ۋە: بۇ پالانىنىڭ بالىسى پالانىنىڭ خىيانىتى دېيىلىدۇھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
ئەبى بەكرەتە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: سىلەرگە گۇناھلارنىڭ ئەڭ چوڭىدىن خەۋەر بېرەيمۇ؟، دەپ ئۈچ قېتىم تەكرارلىدى. ساھابىلار: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! خەۋەر بەرسىلە دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرۈش، ئاتا-ئانىنى قاقشىتىش» دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يۆلۈنۈپ ئولتۇرغان بولۇپ بۇ سۆزنى دەپ بولغاندىن كېيىن تىك ئولتۇرۇپ: «يالغان سۆز قىلىشتىن ئاگاھ بولۇڭلار» دەپ، بۇ سۆزنى كۆپ تەكرارلىدى، ھەتتا بىز: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام توختىغان بولسىكەن دەپ قالدۇق».بىرلىككە كەلگەن
ئۆمەر بىن خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا سىلەرنى ئاتا-بوۋاڭلار بىلەن قەسەم قىلىشتىن چەكلەيدۇ»، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بۇ سۆزنى ئاڭلىغاندىن باشلاپ باشقىلارغا ئەسلىتىپ ياكى نەقىل قىلىپ بولسۇن ئاتا-بوۋىلار بىلەن قەسەم قىلىپ باقمىدىم دەيدۇ.بىرلىككە كەلگەن
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم چىققان بىر غازاتتا بىر ئايالنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرۈپ، رەسۇلۇلللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاياللار ۋە بالىلارنى ئۆلتۈرۈشنى ئەيىپلىگەنھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
عن عبد الله بن أبي أوفى رضي الله عنه أَنَّ رسول الله صلى الله عليه وسلم فِي بَعْض أَيَّامه التي لَقِي فيها العدو انتظر، حتى إذا مَالَتِ الشمس قام فِيهم، فقال: «أَيُّها الناس، لا تَتَمَنَّوْا لِقَاء الْعَدُوِّ، وَاسْأَلوا الله الْعافية فَإِذا لَقِيتموهم فَاصْبِرُوا، وَاعلموا أَنَّ الْجَنَّة تحت ظِلال السُّيوف ثُمَّ قَال النَّبِي صلى الله عليه وسلم: اللهمَّ مُنزِلَ الْكتاب، وَمُجْرِيَ السَّحاب، وَهازم الأَحْزاب: اهْزِمهم، وَانصُرنا علَيهم».متفق عليه
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق رىۋايەت قىلغان: بەنى مەخزۇم ئايمىقىدىن بولغان بىر ئايالنىڭ ئۆتكۈزگەن ئوغرىلىق جىنايىتى قۇرەيش قەبىلىسىنىڭ بېشىنى قاتۇردى. ئۇلار بىر-بىرىگە كىم بۇ ئايالنى ئەپۇ قىلىش ئۈچۈن پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئېغىز ئاچىدۇ؟ دېيىشتى ۋە بۇ ئىشقا پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تولىمۇ ياخشى كۆرىدىغان ئۇسامە ئىبنى زەيد لايىق دېدى. ئۇسامە ئىبنى زەيد پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە بۇ ئىش ھەققىدە ئېغىز ئاچقان ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: سەن ئاللاھ بېكىتكەن جازانىڭ ئىجرا قىلىنماسلىقى ئۈچۈن شاپائەت قىلغىلى كەلدىڭمۇ؟! دەپ ئۇنىڭغا كايىدى. ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ، جامائەتكە خىتاب قىلىپ: سىلەردىن بۇرۇنقى ئۈممەتلەرنىڭ ھالاكىتىگىمۇ مۇشۇنداق ئىشلار سەۋەب بولغانىدى، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرەر ئېسىلزادە ئوغرىلىق قىلسا، ئۇ جازاغا تارتىلمايتتى. ئادەتتىكى بىرەر بىچارە ئوغرىلىق قىلسا، ئۇ دەرھال جازاغا تارتىلاتتى. ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ئەگەر قىزىم فاتىمە ئوغرىلىق قىلىپ قالسا، ئۇنىڭمۇ قولىنى كېسىمەن، دېدى. يەنە بىر ئىبارىدە: ئۇ ئايال كىشىلەردىن بىرەر نەرسە ئارىيەت ئالسا ئۇنىڭغا تېنىۋالاتتى، شۇنىڭ ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭ قولىنى كېسىشكە بۇيرىغان، دېگەنھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىنسان ئۆز ئۈستىگە (نەزرە، يەنى ئاللاھقا ۋەدە قىلىش) بىرەر ئىشنى ئېلىۋېلىشتىن چەكلەپ: ئۇنداق قىلىش ياخشىلىق ئېلىپ كەلمەيدۇ. ئۇنىڭ بىلەن پەقەت بېخىل ئادەمدىن بىر نەرسە چىقىرىلىدۇھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
ئابدۇللاھ بىن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم: «قىيامەت كۈنى تۈنجى بولۇپ قان – قىساس مەسىلىلىرىگە ھۆكۈم قىلىنىدۇ».بىرلىككە كەلگەن
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: چارەك دىنار ئالتۇن ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ بولغىنى ئۈچۈن قول كېسىلىدۇھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
عَنْ سَهْلِ بْنِ سَعْدٍ السَّاعِدِيِّ رَضِيَ اللَّهُ عَنْهُ أَنَّ رَسُولَ اللَّهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ قَالَ: «رِبَاطُ يَوْمٍ فِي سَبِيلِ اللَّهِ خَيْرٌ مِنَ الدُّنْيَا وَمَا عَلَيْهَا، وَمَوْضِعُ سَوْطِ أَحَدِكُمْ مِنَ الجَنَّةِ خَيْرٌ مِنَ الدُّنْيَا وَمَا عَلَيْهَا، وَالرَّوْحَةُ يَرُوحُهَا العَبْدُ فِي سَبِيلِ اللَّهِ أَوِ الغَدْوَةُ خَيْرٌ مِنَ الدُّنْيَا وَمَا عَلَيْهَا».متفق عليه
ئەبى مۇسا ئەلئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: بىر كىشنىڭ ئۆزىنىڭ جۈرئىتىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، يەنە بىرسىنىڭ ئۆزىنىڭ قوۋمىگە ياكى يۇرتىغا تەئەسسۇپلۇق قىلىش ئۈچۈن ۋە يەنە بىرسىنىڭ ئۆزىنى كۆز - كۆز قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇشقانلىقى، يەنى ئۇلارنىڭ قايسى بىرسى ئاللاھ يولىدا بولىدۇ؟ دەپ سورىلىۋېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: كىمكى ئاللاھنىڭ كەلىمىسىنى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇشسا، شۇ ئاللاھ يولىدا بولىدۇ، دېدىھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
ھۇزەيپە ئىبنى يەمانى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: سىلەر ھەرخىل يىپەك كىيىمنى كىيمەڭلار، ئالتۇن ۋە كۈمۈش قاچىدا سۇ ئىچمەڭلار، ئۇ ئىككىسىدىن بولغان تەخسىدە تاماق يىمەڭلار! ئۇ نەرسىلەر دۇنيادا كاپىرلارغا ئاخرەتتە سىلەرگە مەنسۇپتۇرھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: يىپەك كىيىم كىيمەڭلار! ئۇنى دۇنيادا كىيگەن ئادەمنىڭ ئاخىرەتتە كىيمەيدىغانلىقىدا ھېچ شەك يوقھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
ئەبى ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە دەيدىكى: ئاللاھ تائالا يولىدا يارىلانغان ھەر قانداق كىشى، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ يارىسىدىن قان ئاققان ھالدا كېلىدۇ. ئۇ قاننىڭ رەڭگى قان رەڭ، ئەمما پۇرىقى ئەنبەر پۇرايدۇھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: كىمكى ئوۋ ئىتى ياكى پادا باقىدىغان ئىتتىن باشقا ئىت باقسا، ھەر كۈنلۈك ساۋابىدىن ئىككى قىرات كەملەپ كېتىدۇ. سالىم ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ رىۋايىتىنى بايان قىلىپ: (ياكى ئېتىزلىققا قارايدىغان ئىت، دەيتتى. ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئېتىزلىقى بار ئىدىھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
عن ثابِت بْن الضَّحَاكِ رضي الله عنه أنه بايع رسول الله صلى الله عليه وسلم تحت الشجرة، وأن رسول الله صلى الله عليه وسلم قال: «من حلف على يمين بملة غير الإسلام، كاذبا مُتَعَمِّدًا فهو كما قال، ومن قتل نفسه بشيء عُذِّبَ به يوم القيامة، وليس على رجل نَذْرٌ فيما لا يملك» وَفِي رِوَايَة: «ولَعْنُ المؤمنِ كَقَتْلِهِ». وفي رواية: «من ادَّعَى دَعْوَى كَاذِبَةً لِيَتَكَثَّرَ بها لم يَزِدْهُ اللهُ -عزَّ وجل- إلا قِلَّةً».متفق عليه
ئەبۇ مۇسا ئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « بىزگە قارشى قورال كۆتۈرگەن كىشى بىزدىن ئەمەس».بىرلىككە كەلگەن
ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبى ئەۋفا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: بىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن يەتتە قېتىم غازاتقا چىقتۇق، ئۇ غازاتتا بىز چېكەتكە يېگەن ئىدۇقھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
عن أبي واقد الحارث بن عوف رضي الله عنه أنَّ رسول الله صلى الله عليه وسلم بينما هو جالس في المسجد، والناس معه، إذ أقبل ثلاثَةُ نَفَرٍ، فأقبل اثنان إلى رسول الله، صلى الله عليه وسلم وذهب واحد، فوقفا على رسول الله صلى الله عليه وسلم ، فأما أحدهما فرأى فُرْجَةً في الْحَلْقَةِ فجلس فيها، وأما الآخر فجلس خلفهم، وأما الثالث فأدْبَر ذاهبٍا، فلما فرغ رسول الله صلى الله عليه وسلم قال: «ألا أُخْبِرُكُم عن النَّفَرِ الثلاثة: أما أحدهم فأَوَى إلى الله فآوَاهُ الله إليه، وأما الآخر فاسْتَحْيا فاسْتَحْيَا الله منه، وأما الآخر، فأعْرَضَ، فأعرضَ اللهُ عنه».متفق عليه
ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كەچ كىرگەندە: «بىز كەچ قىلدۇق، پادىشاھلىق ئاللاھقا مەنسۇپ ھالدا كەچ كىردى، ھەمدۇ ئاللاھقا خاس، ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، ئاللاھ بىر، ئۇنىڭ شېرىكى يوق» دەيىتتى. رىۋايەت قىلغۇچى: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۇ دۇئالاردا تۆۋەندىكىلەرنىمۇ دېدى دەپ قارايمەن: «پادىشاھلىق ۋە ھەمدۇ ئۇنىڭغا خاس، ئۇ ھەر نەرسىگە قادىر. پەرۋەردىگارىم، سەندىن بۇ ۋە كېيىنكى كېچىدىكى ياخشىلىقنى تىلەيمەن، سەن بىلەن بۇ ۋە كېيىنكى كېچىدىكى يامانلىقدىن پاناھ تىلەيمەن. پەرۋەردىگارىم، سەن بىلەن ھورۇنلۇقتىن، قېرىلىقنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن. پەرۋەردىگارىم، سەن بىلەن دوزاختىكى ئازاپتىن ۋە قەبرىدىكى ئازاپتىن پاناھ تىلەيمەن» دەيتتى، ئەتتىگەن ۋاختىدا: «بىز تاڭ ئاتقۇزدۇق، پادىشاھلىق ئاللاھقا مەنسۇپ ھالدا تاڭ ئاتتى» دەيتتىئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان