پەزىلەت ۋە ئەدەپ-ئەخلاق
متاح بـ 18 لغة
«ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كەچ كىرگەندە: «بىز كەچ قىلدۇق، پادىشاھلىق ئاللاھقا مەنسۇپ ھالدا كەچ كىردى، ھەمدۇ ئاللاھقا خاس، ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، ئاللاھ بىر، ئۇنىڭ شېرىكى يوق» دەيىتتى. رىۋايەت قىلغۇچى: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۇ دۇئالاردا تۆۋەندىكىلەرنىمۇ دېدى دەپ قارايمەن: «پادىشاھلىق ۋە ھەمدۇ ئۇنىڭغا خاس، ئۇ ھەر نەرسىگە قادىر. پەرۋەردىگارىم، سەندىن بۇ ۋە كېيىنكى كېچىدىكى ياخشىلىقنى تىلەيمەن، سەن بىلەن بۇ ۋە كېيىنكى كېچىدىكى يامانلىقدىن پاناھ تىلەيمەن. پەرۋەردىگارىم، سەن بىلەن ھورۇنلۇقتىن، قېرىلىقنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن. پەرۋەردىگارىم، سەن بىلەن دوزاختىكى ئازاپتىن ۋە قەبرىدىكى ئازاپتىن پاناھ تىلەيمەن» دەيتتى، ئەتتىگەن ۋاختىدا: «بىز تاڭ ئاتقۇزدۇق، پادىشاھلىق ئاللاھقا مەنسۇپ ھالدا تاڭ ئاتتى» دەيتتى»ترجمة بالمعنى ·
ستُحفظ الصورة بجودتها الأصلية








