حديث للعالم
دۇئا ۋە زىكىرلەرپىقھىسى

ئەتتىگەنلىك ۋە كەچلىك زىكىرلەر

4 حديث

4 حديث

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كەچ كىرگەندە: «بىز كەچ قىلدۇق، پادىشاھلىق ئاللاھقا مەنسۇپ ھالدا كەچ كىردى، ھەمدۇ ئاللاھقا خاس، ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، ئاللاھ بىر، ئۇنىڭ شېرىكى يوق» دەيىتتى. رىۋايەت قىلغۇچى: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۇ دۇئالاردا تۆۋەندىكىلەرنىمۇ دېدى دەپ قارايمەن: «پادىشاھلىق ۋە ھەمدۇ ئۇنىڭغا خاس، ئۇ ھەر نەرسىگە قادىر. پەرۋەردىگارىم، سەندىن بۇ ۋە كېيىنكى كېچىدىكى ياخشىلىقنى تىلەيمەن، سەن بىلەن بۇ ۋە كېيىنكى كېچىدىكى يامانلىقدىن پاناھ تىلەيمەن. پەرۋەردىگارىم، سەن بىلەن ھورۇنلۇقتىن، قېرىلىقنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن. پەرۋەردىگارىم، سەن بىلەن دوزاختىكى ئازاپتىن ۋە قەبرىدىكى ئازاپتىن پاناھ تىلەيمەن» دەيتتى، ئەتتىگەن ۋاختىدا: «بىز تاڭ ئاتقۇزدۇق، پادىشاھلىق ئاللاھقا مەنسۇپ ھالدا تاڭ ئاتتى» دەيتتىئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
شەدداد بىن ئەۋس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئىستىغپارنىڭ ئەڭ ئۇلۇغى:«ئەي ئاللاھ! سەن مېنىڭ رەببىم، سەندىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھەق مەئ‍بۇد يوق، سەن مېنى يوقتىن بار قىلدىڭ، مەن سېنىڭ قۇلۇڭ، مەن ساڭا بەرگەن ۋەدەمگە، ئەھدەمگە كۈچۈمنىڭ يېتىشچە ئەمەل قىلىمەن، قىلغان ئىشلىرىمنىڭ يامانلىقىدىن ساڭا سېغىنىپ پاناھ تىلەيمەن، سېنىڭ ماڭا ئاتا قىلغان نېمىتىڭنى ئېتىراپ قىلىمەن، گۇناھ-خاتالىقلىرىمنى ئېتىراپ قىلىمەن، مېنى مەغپىرەت قىلغىن، ھەقىقەتەن گۇناھلارنى سەندىن باشقا ھېچ كىشى مەغپىرەت قىلالمايدۇ» دېيىشتۇر. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئىستىغپارنى كۈندۈزدە چىن دىلى بىلەن ئىشىنىپ دەپ شۈ كۈنى كەچ كېرىشتىن بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن كىشى، جەننەت ئەھلىدىن بولىدۇ. بۇ ئىستىغپارنى كېچىدە چىن دىلى بىلەن ئىشىنىپ دەپ شۈ كېچىسى تاڭ يورۇشتىن بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن كىشى جەننەت ئەھلىدىن بولىدۇ».بۇخارى رىۋايىتى
ئابدۇللاھ بىن خۇبەيب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: بىز يامغۇرلۇق بىر زۇلمەت كېچىدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى بىزگە ناماز ئوقۇپ بىرەمدىكىن دەپ ئىزدەپ چىقتۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى تاپتۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «سۆزلە» دېدى، مەن ھېچ نەرسە دېمىدىم، ئاندىن يەنە:«سۆزلە» دېدى، مەن ھېچ نەرسە دېمىدىم، ئاندىن يەنە:«سۆزلە» دېدى، مەن: نېمە دەيمەن؟ دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«ئەتتىگەندە ۋە كەچتە ئۈچ قېتىمدىن ئىخلاس سۈرىسى ۋە مۇئەۋۋەزەتەيننى ئوقۇساڭ، بۇ سېنىڭ ھەممە ئىشلىرىڭغا كۇپايە قىلىدۇ» دېدى.ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى ۋە نىسائى رىۋايەت قىلغان
ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى كېچىدە بەقەرە سۈرىسىنىڭ ئاخىرىدىن ئىككى ئايەتنى ئوقۇسا بۇ ئىككى ئايەت ئۇ كىشىنىڭ ھەممە ئىشلىرىغا كۇپايە قىلىدۇ».بىرلىككە كەلگەن