UG
دۇئا ۋە زىكىرلەرپىقھىسى
ئۆيگە كىرگەندە ۋە چىققاندا ئوقۇلىدىغان زىكىرلەر
2 حديث
پەيغەمەرئەلەيھىسسالامىڭ زىكىر توغىرسىدىكى كۆرسەتمىسى
5
ئاللاھنى زىكىر قىلىشنىڭ پايدىلىرى
8
ئەتتىگەنلىك ۋە كەچلىك زىكىرلەر
4
مۇتلەق زىكىرلەر
5
ئۆيگە كىرگەندە ۋە چىققاندا ئوقۇلىدىغان زىكىرلەر
2
أذكار الدخول والخروج من الخلاء
1
مەسچىتكە كىرگەندە ۋە چىققاندا ئوقۇلىدىغان زىكىرلەر
2
قېيىنچىلىق ۋاقىتلاردا ئوقۇلىدىغان زىكىرلەر
1
ئويلىمىغان ئىشلار يۈز بەرگەندە ئوقۇلىدىغان زىكىرلەر
12
دۇئانىڭ ھۆكۈملىرى
1
دۇئانىڭ ئەدەپلىرى
2
دۇئانىڭ ئىجابەت بولۇش ۋە بولماسلىق سەۋەپلىرى
4
ھەدىستە بايان قىلىنغان دۇئالار
18
2 حديث
جابىر بىن ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «ئىنسان ئۆيىگە كىرگەندە، ئۆيىگە كېرىدىغان ۋە يىمەك يەيدىغان ۋاقىتتا ئاللاھنى زىكىر قىلسا، شەيتان ئەگەشكۈچىلىرىگە: بۇ ئۆيدە سىلەرگە قونالغۇ يوق، كەچلىك يىمەكمۇ يوق دەيدۇ، ئەمما ئۆيىگە كىرىدىغان ۋاقىتتا ئاللاھنى زىكىر قىلمىسا، شەيتان ئەگەشكۈچىلىرىگە: سىلەر قونالغۇ تاپتىڭلار دەيدۇ، يىمەك يەيدىغان ۋاقىتتا ئاللاھنى زىكىر قىلمىسا، شەيتان ئەگەشكۈچىلىرىگە: سىلەر قونالغۇ ۋە كەچلىك يىمەك تاپتىڭلار دەيدۇ».
مۇسلىم رىۋايىتى
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: كىمىكى ئۆيدىن چىققاندا: "ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن ۋە ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغان ھالدا چىقىمەن، ئاللاھنىڭ ياردىمىسىز ھېچ كۈچ-قۇدرەت يوقتۇر" دېسە، شۇ چاغدا ئۇنىڭغا: توغرا يولغا يېتەكلەندىڭ، كۇپايە قىلىندىڭ، دۈشمەنلىرىڭنىڭ يامانلىقلىرىدىن ساقلاندىڭ دەپ نىدا قىلىنىدۇ ۋە شەيتانلار ئۇنىڭدىن يىراقلاشتۇرۇلىدۇ. ئەبۇ داۋۇد بۇ جۈملىنى زىيادە رىۋايەت قىلغان: شۇ ۋاقىتتا بىر شەيتان يەنە بىرىگە: سەن قانداقمۇ توغرا يولغا يېتەكلەنگەن، كۇپايە قىلىنغان (يەنى ھاجەتلىرى راۋا بولغان) دۈشمەنلىرىنىڭ يامانلىقلىرىدىن ساقلانغان بىر كىشىنى ئازدۇرالايسەن، دەيدۇ
تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان