پەزىلەت ۋە ئەدەپ-ئەخلاق
متاح بـ 20 لغة
«ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: كىمىكى ئۆيدىن چىققاندا: "ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن ۋە ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغان ھالدا چىقىمەن، ئاللاھنىڭ ياردىمىسىز ھېچ كۈچ-قۇدرەت يوقتۇر" دېسە، شۇ چاغدا ئۇنىڭغا: توغرا يولغا يېتەكلەندىڭ، كۇپايە قىلىندىڭ، دۈشمەنلىرىڭنىڭ يامانلىقلىرىدىن ساقلاندىڭ دەپ نىدا قىلىنىدۇ ۋە شەيتانلار ئۇنىڭدىن يىراقلاشتۇرۇلىدۇ. ئەبۇ داۋۇد بۇ جۈملىنى زىيادە رىۋايەت قىلغان: شۇ ۋاقىتتا بىر شەيتان يەنە بىرىگە: سەن قانداقمۇ توغرا يولغا يېتەكلەنگەن، كۇپايە قىلىنغان (يەنى ھاجەتلىرى راۋا بولغان) دۈشمەنلىرىنىڭ يامانلىقلىرىدىن ساقلانغان بىر كىشىنى ئازدۇرالايسەن، دەيدۇ»ترجمة بالمعنى ·
ستُحفظ الصورة بجودتها الأصلية







