حديث للعالم
اضغط على الصورة لعرضها بالحجم الكامل
پەزىلەت ۋە ئەدەپ-ئەخلاق

ئابدۇللاھ بىن ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:

متاح بـ 65 لغة
«ئابدۇللاھ بىن ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «چوڭ گۇناھلار: ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش، ئاتا-ئانىنى قاقشىتىش، ھەقسىز جاننى ئۆلتۈرۈش ۋە يالغان قەسەم قىلىش».»

ترجمة بالمعنى ·

شرح الحديث

خلاصة المعنى بعبارة ميسّرة

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام چوڭ گۇناھ سادىر قىلغۇچىغا دۇنيا-ئاخىرەتتە قاتتىق ئازاب ۋەدە قىلىنغان گۇناھ ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. چوڭ گۇناھلارنىڭ ئەۋۋىلى: ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشتۇر: ئۇ بولسا، ئىبادەتنىڭ تۈرلىرىدىن قايسى بىر تۈرىنى ئاللاھنىڭ غەيرىگە قىلىش، ئاللاھنىڭ ئىلاھلىقىغا، پەرۋەردىگارلىقىغا، گۈزەل ئىسىملىرى ۋە ئالى سۈپەتلىرىگە ئاللاھنىڭ غەيرىنى باراۋەر قىلىش دېمەكتۇر. ئىككىنچىسى: ئاتا-ئانىنى قاقشىتىش: بۇ ئاغزاكى ياكى ئەمەلى ھەرىكىتى بىلەن بولسۇن ئاتا-ئانىسىغا ئەزىيەت يەتكۈزۈش ۋە ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشنى تەرك قىلىش دېمەكتۇر. ئۈچىنچىسى: باشقىلارغا زۇلۇم ياكى دۈشمەنلىك قىلىپ بولسۇن ھەقسىز ئادەم ئۆلتۈرۈش. تۆتىنچىسى: ئۇ ساھىبىنى چۆكتۈرىۋېتىدىغان قەسەم: ئۇ بىلىپ تۇرۇپ يالغان قەسەم قىلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇنداق ئاتىلىشى بۇ شەكىلدىكى قەسەم، قەسەم قىلغۇچىنى گۇناھقا ياكى دوزاخ ئازابىغا چۆكتۈرىۋېتىدۇ.

المصدر
بۇخارى رىۋايىتى
تحميل الصورة

ستُحفظ الصورة بجودتها الأصلية