حديث للعالم
اضغط على الصورة لعرضها بالحجم الكامل
قۇرئان كىرىم ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار ئىلىملەر
متاح بـ 15 لغة
«ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: بىراۋنىڭ پالانى-پالانى ئايەتنى ئۇنتۇلۇپ قالدىم، دېيىشى نېمىدېگەن يامان؟! ئەمەلىيەتتە ئۇ ئۇنتۇلدۇرۇلغان. شۇڭا قۇرئاننى داۋاملىق ئوقۇپ تۇرۇڭلار، چۈنكى ئۇ كىشىلەرنىڭ ئىسىىدىن تۆگە باغلاقتىن قاچقاندىنمۇ تىز قاچىدۇ»

ترجمة بالمعنى ·

شرح الحديث

خلاصة المعنى بعبارة ميسّرة

بۇ ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمنىڭ «پالانى ۋە پالانى ئايەتلەرنى ئۇنتۇلۇپ قالدىم» دېگەن كىشىنى سۆككەنلىكى بايان قىلىنغان، چۈنكى بۇ ئىش قۇرئان كەرىمگە سەل قاراپ، ئۇنىڭدىن غەپلەتتە قالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، شۇڭا ئۇ كىشى قۇرئانغا كۆڭۈل بۆلۈشكە، تەكرارلاشقا سۇسلۇق قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇنتۇلدۇرۇلۇش بىلەن جازالاندى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قۇرئاننى ئىزچىل تىلاۋەت قىلىشقا، تەكرارلاشقا، دەرسلىك قىلىپ تۇرۇشقا بۇيرىدى. ئۇ: «قۇرئان كەرىم كىشىلەرنىڭ ئىسىدىن تۆگە قاچقاندىنمۇ بەك قاچىدۇ» دېدى، تۆگە ھايۋانلار ئىچىدە قاچقاق، قېچىپ كەتكەندە ئۇنى تۇتۇپ كېلىش قېيىن ھايۋان بولغانلىقى ئۈچۈن ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان

المصدر
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
تحميل الصورة

ستُحفظ الصورة بجودتها الأصلية