حديث للعالم
اضغط على الصورة لعرضها بالحجم الكامل
پىقھى ۋە ئۇنىڭ ئۇسۇل قائىدىلىرى

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم دەيدۇ:

متاح بـ 64 لغة
«ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم دەيدۇ: ئىسلامى پىترەت(تۇغما تەبىئەت) بەش تۇرلۈكتۇر: خەتنە قىلدۇرۇش، ئەزالارنى تازىلاش (سۈننەت قىلىش)، بۇرۇتنى قىسقارتىش، تىرناقنى ئېلىش ۋە قولتۇقنىڭ تۈكىنى يۇلۇش».»

ترجمة بالمعنى ·

شرح الحديث

خلاصة المعنى بعبارة ميسّرة

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام پەيغەمبەرلەرنىڭ سۈننەتلىرى ۋە ئىسلامدىن بولغان بەش تۈرلۈك ئىشنى بايان قىلىپ بەردى: ئۇنىڭ بىرىنچىسى: خەتنە قىلدۇرۇش، ئۇ ئوغۇل بالىنىڭ ئەۋرىتىدىن بوغمىقىنىڭ ئۈستىدىكى ئارتۇق تېرىنى كېسىۋېتىشتىن ئىبارەت، ئايالنىڭ ئەۋرىتىدىن بولسا جىنسى ئالاقە قىلىدىغان ئورۇننىڭ ئۈستىدىكى تېرىنىڭ ئۈچىدىن كېسىۋېتىشتىن ئىبارەتتۇر. ئىككىنچىسى: سۈننەت قىلىش بولسا ئەۋرەتنىڭ ئەتراپىدىكى تۈكلەرنى تازىلاش. ئۈچىنچىسى: بۇرۇتنى قىسقارتىش، ئەر كىشى ئۈستۈن كالپۇكىنىڭ ئۈستىگە ئۈنگەن تۈكلەرنى ئۈستۈن كالپۇكى كۆرۈنگىدەك ھالەتتە قىسقارتىش. تۆتىنچىسى: تېرناقلىرىنى كېسىش. بەشىنچىسى: قولتۇقنىڭ تۈكىنى يۇلۇش.

المصدر
بىرلىككە كەلگەن
تحميل الصورة

ستُحفظ الصورة بجودتها الأصلية