حديث للعالم
اضغط على الصورة لعرضها بالحجم الكامل
پەزىلەت ۋە ئەدەپ-ئەخلاق

عَنْ أَنَسِ بْنِ مَالِكٍ رضي الله عنه قَالَ: قَالَ رَسُولُ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ:

متاح بـ 54 لغة
«ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: «كىمىكى ئىككى قىزنى بالاغەتكە يەتكۈچە بېقىپ، تەربىلىسە قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ بىلەن ئىككىمىز بۇ ئىككىسىدەك بولىمىز» دەپ بارماقلىرىنى جۈپلەپ كۆرسەتكەن»

ترجمة بالمعنى ·

شرح الحديث

خلاصة المعنى بعبارة ميسّرة

بۇ ھەدىستە قىزلارنى ياخشى تەربىيىلەشنىڭ پەزىلىتى بايان قىلغان، چۈنكى قىزلار ھەر جەھەتتىن ئاجىز، كۆپۈنچە ئائىلىلەر ئۇلارنى تەربىيەلەشكە سەل قارايدۇ ۋە ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمىكى ئىككى قىزنى بالاغەتكە يەتكۈچە بېقىپ، تەربىيەلىسە قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ بىلەن ئىككىمىز بۇ ئىككىسىدەك بولىمىز» دەپ بىگىز بارمىقى بىلەن ئوتتۇر بارماقلىرىنى جۈپلەپ كۆرسەتكەن، يەنى، ئۇ كىشى جەننەتتە رەسۇلۇللاھقا ھەمراھ بولىدىغانلىقى، تەربىيەلەپ باققان قىزلار باللىرى بولسۇن ۋە ياكى سىڭىللىرى بولسۇن ۋە ياكى ئۇنىڭدىن باشقا قىزلار بولسىمۇ يەنىلا ئۇ ئادەم رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن بىرگە بولىدىغانلىقىنى رەسۇلۇللاھ ئىككى بارمىقىنى بىر قىلىپ ئۇ كىشىگە خۇش بىشارەت بەرگەن. تەربىيەلەش كۆپۈنچە ماددى ئىھتىياجلىرىنى، كىيىم-كىچەك، يىمەك-ئىچمەك، تۇرىدىغان جاي، يوتقان كۆرپىگە ئوخشاش نەرسىلەرنى تەمىنلەش بىلەن بولغاندەك مەنىۋى ئىھتىياجى بولغان تەلىم-تەربىيە ۋە قائىدە-يۇسۇنل، ياخشى ياماننى بىلدۈرۈش بىلەن بولىدۇ. خۇلاسىلىغاندا قىزلارغا دۇنيا-ئاخىرەتتە پايدىلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئۈگۈتۈش بىلەن بولىدۇ

المصدر
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
تحميل الصورة

ستُحفظ الصورة بجودتها الأصلية