حديث للعالم
اضغط على الصورة لعرضها بالحجم الكامل
پەزىلەت ۋە ئەدەپ-ئەخلاق

ئۆمەر بىن خەتتاپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان:

متاح بـ 71 لغة
«ئۆمەر بىن خەتتاپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «ئەگەر سىلەر ئاللاھقا ھەقىقى تەۋەككۇل قىلساڭلار، ئاللاھ تائالا قۇشلارغا رىزىق بەرگەندەك سىلەرگىمۇ رىزىق بىرەتتى، قۇشلار ئەتتىگەندە ئاچ چېقىپ، كەچتە توق قايتىدۇ».»

ترجمة بالمعنى ·

شرح الحديث

خلاصة المعنى بعبارة ميسّرة

بۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزنى دىن ۋە دۇنيالىق ئىشلىرىمىزدىكى پايدىغا ئىگە بولۇش ۋە زىياندىن ساقلىنىشتا ئاللاھ تائالاغا تايىنىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ، ھەقىقى ئاتا قىلغۇچى، چەكلىگۈچى ۋە پايدا-مەنپەئەت يەتكۈزگۈچى پەقەت ئاللاھتۇر. ئاللاھ تائالاغا سەمىيمى تايىنىش بىلەن پايدىغا ئېرىشىش ۋە زىياندىن ساقلىنىشتا كېرەكلىك بولغان سەۋەپلەرنى قىلىمىز، بىز شۇ سەۋەپلەرنى قىلغاندا ئاللاھ تائالا بىزگە خۇددى ئەتتىگەندە ئاچ چېقىپ كېتىپ كەچتە قورسىقى توق قايتىپ كەلگەن قۇشلارغا رىزىق بەرگەندەك بىزلەرگىمۇ رىزىق بېرىدۇ، قۇشلارنىڭ ئەتتىگەندە چېقىپ كەچتە قايتىپ كېلىشى ھورۇنلۇق قىلماستىن ۋە تايىنىۋالماستىن رىزىق تەلەپ قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشنىڭ بىر تۈرىدۇر.

المصدر
تىرمىزى،ئىبنى ماجە ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان
تحميل الصورة

ستُحفظ الصورة بجودتها الأصلية