ئەقىدە ئىلمى
ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:
متاح بـ 70 لغة
«ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالادىن بايان قىلغان ھەدىستە، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «ئى بەندىلىرىم! مەن ئۆزۈمگە سىلەرگە زۇلۇم قىلىشنى ھارام قىلدىم،، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىمۇ ئۆز-ئارا زۇلۇم قىلىشنى ھارام قىلدىم، ئۆز-ئارا زۇلۇم قىلىشماڭلار. ئى بەندىلىرىم! سىلەردىن مەن ھىدايەت قىلغانلاردىن باشقا ھەممىڭلار ئازغۇن، مەندىن ھىدايەت تەلەپ قىلىڭلار، سىلەرنى ھىدايەت قىلىمەن. ئى بەندىلىرىم! سىلەردىن مەن يېمەك بەرگەندىن باشقا ھەممىڭلار ئاچ، مەندىن يېمەك تەلەپ قىلىڭلار، مەن سىلەرگە يېمەك بېرىمەن. ئى بەندىلىرىم! سىلەردىن مەن كىيىم بەرگەندىن باشقا ھەممىڭلار يالىڭاچ، مەندىن كىيىم تەلەپ قىلىڭلار مەن سىلەرگە كىيىم بېرىمەن. ئى بەندىلىرىم! سىلەر كېچە-كۈندۈزدە خاتالىق سادىر قىلغۇچى، مەن بارلىق گۇناھلارنى مەغپىرەت قىلىمەن، مەندىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىڭلار، سىلەرنى مەغپىرەت قىلىمەن. ئى بەندىلىرىم! سىلەرنىڭ ھەممىڭلار بىرلىشىپ ماڭا زىيان يەتكۈزمەكچى بولساڭلار ھەرگىز زىيان يەتكۈزەلمەيسىلەر، ئەگەر مەنپەئەت يەتكۈزمەكچى بولساڭلار ھەرگىز مەنپەئەت يەتكۈزەلمەيسىلەر. ئى بەندىلىرىم! ئەگەر سىلەرنىڭ ئەۋۋەلىڭلار، ئاخىرىڭلار، ئىنسانلىرىڭلار، جىنلىرىڭلار ئۇلارنىڭ ھەممىسى دىلى سىلەردىن بولغان تەقۋادار بىر ئادەمنىڭ قەلبىدەك بولسىمۇ، مېنىڭ مۈلكىيىتىمگە ھېچ نەرسىنى زىيادە قىلالمايدۇ. ئى بەندىلىرىم! ئەگەر سىلەرنىڭ ئەۋۋەلىڭلار، ئاخىرىڭلار، ئىنسانلىرىڭلار، جىنلىرىڭلار ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ دىلى پاسىق بىر ئادەمنىڭ قەلبىدەك بولسىمۇ، مېنىڭ مۈلكىيىتىمدىن ھېچ نەرسىنى كېمەيتەلمەيدۇ. ئى بەندىلىرىم! ئەگەر سىلەرنىڭ ئەۋۋەلىڭلار، ئاخىرىڭلار، ئىنسانلىرىڭلار، جىنلىرىڭلار ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر مەيداندا توپلىشىپ بىر نەرسە سورىسا، مەن ھەر بىرىگە سورىغىنىنى بەرسەم، ئۇ يېڭنىنى دېڭىز سۈيىگە سېلىپ ئالسا ئۇنىڭدىن بىر نەرسە كېمىيىپ كەتمىگەندەك، مېنىڭ خەزىنەمدىن ھېچ نەرسىنى كېمەيتەلمەيدۇ. ئى بەندىلىرىم! ھەقىقەتەن ئۇ سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلار، ئۇنى سىلەرگە ساقلاپ قويىمەن، ئاندىن ئۇنى سىلەرگە تولۇقلاپ بېرىمەن، كىمكى ياخشىلىقنى تاپسا ئاللاھقا ھەمدە ئېيتسۇن، كىمكى ئۇنىڭ غەيرنى تاپسا ئۇ كىشى پەقەت ئۆزىگە مالامەت قىلسۇن».»ترجمة بالمعنى ·
ستُحفظ الصورة بجودتها الأصلية








