حديث للعالم
اضغط على الصورة لعرضها بالحجم الكامل
پەزىلەت ۋە ئەدەپ-ئەخلاق

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:

متاح بـ 70 لغة
«ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن كىشىلەرنىڭ جەننەتكە كۆپ كېرىشىگە سەۋەپ بولىدىغان ئەمەللەردىن سورالغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىش ۋە گۈزەل ئەخلاق»دېگەن. كىشىلەرنىڭ دوزاخقا كۆپ كېرىشىگە سەۋەپ بولىدىغان ئىشتىن سورالغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئېغىز ۋە ئەۋرەت دېگەن» دېگەن.»

ترجمة بالمعنى ·

شرح الحديث

خلاصة المعنى بعبارة ميسّرة

بۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىنساننى جەننەتكە كىرگۈزىدىغان ئەڭ كاتتا سەۋەپلەردىن تۆۋەندىكى ئىككىنى بايان قىلىپ بەردى: ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىش ۋە گۈزەل ئەخلاق. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىش دېگەن: ئىنسان ئۆزى بىلەن ئاللاھنىڭ ئازابىنىڭ ئارىسىغا ساقلىنىدىغان بىرنەرسە قىلىشتۇر. ئۇ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئادا قىلىش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش بىلەن بولىدۇ. گۈزەل ئەخلاق دېگەن: ئوچۇق چېراي بولۇش، ياخشىلىق قىلىش ۋە ئەزىيەت يەتكۈزۈشتىن قول يىغىشتۇر. دوزاخقا كىرگۈزىدىغان كاتتا سەۋەپلەردىن ئىككى سەۋەپ بولۇپ، ئۇ ئىككىسى: تىل ۋە ئەۋرەت. تىلنىڭ ئاسىيلىقى بولسا: يالغان سۆز قىلىش، غەيۋەت قىلىش، سۇخەنچىلىك قىلىش قاتارلىقلاردۇر. ئەۋرەتنىڭ ئاسىيلىقى: زىنا، بەچچىۋازلىق ۋە باشقىلار.

المصدر
تىرمىزى،ئىبنى ماجە ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان
تحميل الصورة

ستُحفظ الصورة بجودتها الأصلية