پەزىلەت ۋە ئەدەپ-ئەخلاقئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:
متاح بـ 61 لغة «ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۆپىنچە مۇنداق دۇئا قىلاتتى: «ئەي ئاللاھ! بىزگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن».»
ترجمة بالمعنى ·
شرح الحديث
خلاصة المعنى بعبارة ميسّرة
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام لەپزى قىسقا، كۆپ مەنالارنى ئۆز ئېچىگە ئالغان دۇئالارنى كۆپ قىلاتتى. ئۇ دۇئالاردىن: «ئى ئاللاھ! بىزگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن» بۇ دۇئا دۇنيانىڭ ياخشىلىقلىرىدىن بولغان: ھالال كەڭرى رىزىق، سالىھە ئايال، كۆڭلى خۇرسەن بولىدىغان، راھەتلىنىدىغان پەرزەنت، مەنپەئەتلىك ئىلىم، ياخشى ئەمەل قاتارلىق دۇرۇس بولغان ۋە ياخشى كۆرۈلىدىغان ئىشلارنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقلىرىدىن: قەبىردىكى، قىيامەت مەيدانىدىكى ۋە دوزاختىكى ئازاپلاردىن سالامەت قىلىش، ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش، دائىملىق نېمەتلەر بىلەن ئۇتۇق قازىنىش، ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان مېھرىبان ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىش قاتارلىقلاردۇر.
- المصدر
- بىرلىككە كەلگەن
ستُحفظ الصورة بجودتها الأصلية