حديث للعالم
اضغط على الصورة لعرضها بالحجم الكامل
ئەقىدە ئىلمى

جەرىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:

متاح بـ 62 لغة
«جەرىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا ئىدۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كېچىدە ئايغا قارىدى يەنى تولۇن ئايقا قاراپ مۇنداق دېدى:«سىلەر رەببىڭلارنى مۇشۇ ئاينى كۆرگەندەك قىيامەت كۈنىدە ئوچوق كۆرىسىلەر، رەببىڭلارنى كۆرۈشتە قىستىلىپ قالمايسىلەر، ئەگەر ئىمكانىيتىڭلار بولسا بامدات نامىزى بىلەن ئەسىر نامىزىنى ئۆز ۋاقتىدا جامائەت بىلەن ئادا قىلىشقا تېرىشىڭلار» ئۇنىڭدىن كېيىن مۇنۇ ئايەتنى ئوقۇدى:«وَسَبِّحْ بِحَمْدِ رَبِّكَ قَبْلَ طُلُوعِ الشَّمْسِ وَقَبْلَ الْغُرُوبِ»تەرجىمىسى:«ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋرى قىلغىن، مەمنۇن بولۇشۇڭ ئۈچۈن، كۈن چىقىشتىن ئىلگىرى، كۈن پېتىشتىن بۇرۇن، كېچە ۋاقىتلىرىدا ۋە كۈندۈزنىڭ دەسلەپكى ۋە ئاخىرقى ۋاقىتلىرىدا پەرۋەردىگارىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن (يەنى ناماز ئوقۇغىن) ۋە ھەمدە ئېيتقىن» [سۈرە تاھا 130-ئايەت].»

ترجمة بالمعنى ·

شرح الحديث

خلاصة المعنى بعبارة ميسّرة

ساھابىلار بىر كېچىسى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بىر يەردە بولغان ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئون تۆت كۈنلۈك تولۇن ئايغا قاراپ مۇنداق دېدى: ھەقىقەتەن مۇئ‍مىنلەر قىيامەت كۈنىدە رەببىنى ھېچ قانداق توسالغۇسىز كۆزى بىلەن كۆرىدۇ، ئۇلار رەببىنى كۆرىدىغاندا قېيىنچىلىق تارتمايدۇ، چارچىمايدۇ، قىستىلىشىپ قالمايدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «سىلەرنى بامدات نامىزى بىلەن ئەسىر نامىزىنى ئۆز ۋاقتىدا جامائەت بىلەن ئادا قىلىشتىن چەكلەپ قويىدىغان سەۋەپلەرنى يوق قىلىشقا قادىر بولالىساڭلار شۇنداق قىلىڭلار، ئۇ ئىككى نامازنى ئۆز ۋاقتىدا جامائەت بىلەن ئادا قىلىڭلار، بۇ ئىش قىيامەتتە ئاللاھ تائالانىڭ جامالىغا قاراشقا سەۋەپ بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ئايەتنى تىلاۋەت قىلدى: ‎﴿وَسَبِّحْ بِحَمْدِ رَبِّكَ قَبْلَ طُلُوعِ الشَّمْسِ وَقَبْلَ الْغُرُوبِ‎﴾‏ تەرجىمىسى:«ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋرى قىلغىن، مەمنۇن بولۇشۇڭ ئۈچۈن، كۈن چىقىشتىن ئىلگىرى، كۈن پېتىشتىن بۇرۇن، كېچە ۋاقىتلىرىدا ۋە كۈندۈزنىڭ دەسلەپكى ۋە ئاخىرقى ۋاقىتلىرىدا پەرۋەردىگارىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن (يەنى ناماز ئوقۇغىن) ۋە ھەمدە ئېيتقىن» [سۈرە تاھا 130-ئايەت].

المصدر
بىرلىككە كەلگەن
تحميل الصورة

ستُحفظ الصورة بجودتها الأصلية