پىقھى ۋە ئۇنىڭ ئۇسۇل قائىدىلىرى
متاح بـ 17 لغة
«ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، بىر ئايال پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا كېلىپ: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئەرلەر سىلە بىلەن سۆزلىشىپ، ۋەز-نەسىھەت ئاڭلاش ۋاقتىنى ئىگەللەپ كەتتى، بىزگىمۇ ئۆز ۋاقتىلىرىدىن بىر كۈننى بەلگىلەپ، ئاللاھ سىلىگە بىلدۈرگەن نەرسىلەردىن بىزگىمۇ ئۆگەتكەن بولسىلا دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «سىلەر ئۇنداقتا پالانى-پالانى كۈنى يىغىلىڭلار» دېدى، ئۇلار يىغىلغاندا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كېلىپ ئاللاھ ئۆزىگە ئۆگەتكەن دىن ئەھكاملىرىنى ئۆگەتتى، ئاندىن ئۇلارغا: «قانداق بىر ئايال ئۆزىنىڭ ئۈچ بالىسىنى بۇرۇن ئەۋەتكەن بولسا (تۈگەپ كەتكەن بولسا) ئۇ بالىلار ئاشۇ ئايال ئۈچۈن جەھەننەمدىن پەردە بولىدۇ»دېدى، بىر ئايال:ئىككى بالىسى ئۆلۈپ كەتكەن بولسىچۇ؟دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«ئىككى بولسىمۇ شۇنداق بولىدۇ»دېدى»ترجمة بالمعنى ·
ستُحفظ الصورة بجودتها الأصلية








