حديث للعالم

كل الأحاديث

مجموعة البطاقات كاملة، رتّبها بحسب الباب

655 حديث

عن أنس بن مالك رضي الله عنه قال: قال رسول الله صلى الله عليه وسلم : «للَّهُ أَفْرَحُ بِتَوْبَةِ عَبْدِهِ مِنْ أَحَدِكُمْ، سَقَطَ عَلَى بَعِيرِهِ، وَقَدْ أَضَلَّهُ فِي أَرْضِ فَلاَةٍ». وفي رواية: «لَلَّهُ أَشَدُّ فَرَحًا بِتَوْبَةِ عَبْدِهِ حِينَ يَتُوبُ إِلَيْهِ، مِنْ أَحَدِكُمْ كَانَ عَلَى رَاحِلَتِهِ بِأَرْضِ فَلَاةٍ، فَانْفَلَتَتْ مِنْهُ وَعَلَيْهَا طَعَامُهُ وَشَرَابُهُ، فَأَيِسَ مِنْهَا، فَأَتَى شَجَرَةً، فَاضْطَجَعَ فِي ظِلِّهَا، وقَدْ أَيِسَ مِنْ رَاحِلَتِهِ، فَبَيْنَا هُوَ كَذَلِكَ إِذَا هُوَ بِهَا، قَائِمَةً عِنْدَهُ، فَأَخَذَ بِخِطَامِهَا، ثُمَّ قَالَ مِنْ شِدَّةِ الْفَرَحِ: اللهُمَّ أَنْتَ عَبْدِي وَأَنَا رَبُّكَ! أَخْطَأَ مِنْ شِدَّةِ الْفَرَح».متفق عليه والرواية الأولى لفظ البخاري، والرواية الثانية لفظ مسلم
عَنْ أَبِي مُوسَى رضي الله عنه عَنِ النَّبِيِّ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ قَالَ: «إِنَّ اللهَ عَزَّ وَجَلَّ يَبْسُطُ يَدَهُ بِاللَّيْلِ لِيَتُوبَ مُسِيءُ النَّهَارِ، وَيَبْسُطُ يَدَهُ بِالنَّهَارِ لِيَتُوبَ مُسِيءُ اللَّيْلِ، حَتَّى تَطْلُعَ الشَّمْسُ مِنْ مَغْرِبِهَا».رواه مسلم
ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: كىمكى ئاللاھ يولىدا بىركۈن روزا تۇتسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ يۈزىنى دوزاختىن يەتمىش يىللىق مۇساپىدە يىراقلىقتا قىلىدۇھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
سەھل ئىبنى سەئد ئەسسائىدى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ئىنسانلار ئىپتار قىلىشقا ئالدىرايدىكەن، ئۇلار دائىم ياخشىلىقتا بولىدۇھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
عَنْ زَيْدِ بْنِ ثَابِتٍ رَضِيَ اللَّهُ عَنْهُ قَالَ: تَسَحَّرْنَا مَعَ النَّبِيِّ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ، ثُمَّ قَامَ إِلَى الصَّلاةِ، قُلْتُ: كَمْ كَانَ بَيْنَ الأَذَانِ وَالسَّحُورِ؟ قَالَ: قَدْرُ خَمْسِينَ آيَةً.متفق عليه
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام ئاللاھ تائالا ئۇنى ۋاپات تاپقۇزغۇچە رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرىقى ئون كۈنلىرىدە ئېتىكاپتا تۇراتتى، پەيغەمبىرىمىزدىن كېيىن ئاياللىرىمۇ ئېتىكاپ قىلىشتى. يەنە بىر رىۋايەتتە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر رامىزاندا ئېتىكاپتا تۇراتتى، بامدات نامىزىنى ئوقۇپ بولسا ئېتىكاپتا تۇرىدىغان جايىغا كېلەتتىبۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: سوھۇرلۇق يەڭلار! ھەقىقەتەن ئۇنىڭدا بەرىكەت باردۇرھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە دېدى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام بىر سەپەرگە چىقىۋىدى، كىشىلەرنىڭ بىر يەرگە قىستىلىپ تۇرغانلىقىنى ۋە بىر ئادەمنىڭ سايىدىلىنىپ تۇرغانلىقىنى كۆردى، ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: نېمە ئىش بۇ؟ دېدى، ئۇلار: روزا تۇتقۇچى، دېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: سەپەردە روزا تۇتۇش ياخشى ئىش ئەمەس، دېدى. سەھىھ مۇسلىمدا كەلگەن يەنە بىر رىۋايەتتە: ئاللاھ تائالا سىلەرگە بەرگەن رۇخسىتىنى چىڭ تۇتۇڭلار! دېدىھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
ئەبى ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: رامزان ئېيىنىڭ بېشىغا بىر ياكى ئىككى كۈننى ئۇلاپ روزا تۇتماڭلار! ئەمما نورمالدا مەلۇم كۈنلەردە روزا تۇتۇشنى ئادەت قىلغان كىشى روزا تۇتسا بولىدۇھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەر ياكى ئايال بولسۇن، ھۆر ياكى قۇل بولسۇن، خورما ياكى ئارپىدىن بىر سا سەدىقە پىتىر بېرىشنى پەرىز قىلىپ بىكىتكەن«رامىزاندا دېگەندەك رىۋايەتمۇ بار» بەزى ساھابىلەر ئارپا، خورمىنىڭ ئورنىغا يېرىم سا بۇغداي بەرگەن، مەيلى كىچىك بالا بولسۇن مەيلى چوڭ كىشى بولسۇن ئوخشاش. يەنە بىر ئىبارەتتە ھېيىت نامىزىغا چىقىشتىن ئىلگىرى ئادا قىلىش كېرەك دېگەنھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىغان بىر ئايالنىڭ مەھرەمسىز بىر كىچە-كۈندۈزلۈك يىراقلىققا سەپەر قىلىشى دۇرۇس بولمايدۇ. يەنە بىر ھەدىستە: مەھرەمسىز بىر كۈنلۈك سەپەرگە چىقمىسۇن، دېگەنھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
ئائىشە ۋە ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھالاردىن رىۋايەت قىلىپ ئۇلار مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم رامىزان كېچىلىرى بامدات ۋاقتىغىچە ئاياللىرى بىلەن بىرگە بولاتتى، ئاندىن يۇيۇنۇپ روزىسىنى داۋاملاشتۇراتتىھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھتىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: قانداق بىر روزا تۇتقۇچى ئۇنتۇپ قېلىپ بىرەر نەرسە يەپ-ئىچكەن بولسا، ئۇ روزىسىنى داۋاملاشتۇرىۋەرسۇن، ھەقىقەتەن بۇ ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا يېمەك ۋە ئۇسسۇزلۇق بەرگەنلىكىدۇرھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مېنىڭ سىرداش دوستۇم پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ماڭا: ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇتۇش، ھەر كۈنى ئىككى رەكئەت چاشگاھ نامىزى ئوقۇش ۋە ئۇخلاشتىن بۇرۇن ۋىتىر نامىزى ئوقۇشتىن ئىبارەت ئۈچ ئىشنى ۋەسىيەت قىلدىھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
مۆئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بايان قىلغان ھەدىستە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: قەدىر كېچىسىنى ئاخىرىقى ئوندىكى تاق كېچىلەردىن ئىزدەڭلارھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
عن عمر بن الخطاب رضي الله عنه قال: قال رسول الله صلى الله عليه وسلم : «إذا أقبل الليل من هَهُنا، وأَدْبَرَالنهار من ههنا، فقد أفطر الصائم».متفق عليه
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ھەدىس بايان قىلىپ، رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانتىم دەيدۇ: ئەگەر ھىلال ئاينى كۆرسەڭلار روزا تۇتۇڭلار، ئەگەر كېيىنكى ھىلال ئاينى كۆرسەڭلار ئېغىز ئېچىڭلار. ئەگەر ھاۋا تۇتۇق بولۇپ قالسا، مولچەرلەپ ئىش قىلىڭلارھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ شەكلىڭلار ۋە ماللىرىڭلارغا قارىمايدۇ، لېكىن سىلەرنىڭ دىلىڭلار ۋە ئەمەللىرىڭلارغا قارايدۇ.»مۇسلىم رىۋايىتى
ئۆمەر بىن خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن ئەمەللەر نىيەتكە باغلىقتۇر، ئىنسان نېمىنى نىيەت قىلسا شۇ بولىدۇ، بىر كىشى ئاللاھنى ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنى دەپ ھىجرەت قىلسا، ئۇ كىشىنىڭ قىلغان ھىجرىتى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئۈچۈن بولىدۇ. بىر كىشى مال-دۇنياغا ئېرىشىش ياكى بىرەر گۈزەل ئايال بىلەن توي قىلىش مەقسىتىدە ھىجرەت قىلغان بولسا، ئۇ كىشىنىڭ ھىجرىتى نىيەت قىلغان نەرسە ئۈچۈن بولىدۇ». بۇخارىينىڭ لەپزىدە: «ھەقىقەتەن ئەمەللەر نىيەتكە ئاساسەن بولىدۇ، ھەر بىر كىشى ئۈچۈن نىيەت قىلغان نەرسىسى بولىدۇ.» دەپ كەلگەن.بىرلىككە كەلگەن
ھەسەن ئىبنى ئەلي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھتىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: سېنى شەكتە قويغان ئىشنى تاشلاپ، كۆڭلۈڭ ئارام تاپقان ئىشنى قىلغىنتىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - نىسائىي"سۇنەن نىسائىي"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - دارىمى"سۈنەن دارىمىي"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىنساننىڭ جامائەت بىلەن ئادا قىلغان نامىزى ئۆيىدە، دۇكىنىدا ۋە بازاردا يالغۇز ئادا قىلغان نامىزىدىن يىگىرمە نەچچە ھەسسە ئارتۇق بولىدۇ، ئۇنداق بولىشى: ئۇلاردىن بىرى تاھارەتنى مۇكەممەل ئېلىپ مەسچىتكە كېلىدۇ، ئۇ كىشى پەقەت جامائەت بىلەن ناماز ئادا قىلىشنىلا مەقسەت قىلىپ مەسچىتكە كېلىدۇ، ئۇ كىشىنىڭ ھەر بىر قەدىمى ئۈچۈن بىر دەرىجە كۆتۈرلىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن بىر خاتالىق ئۆچۈرلىدۇ، ھەتتا مەسچىتكە كېرگۈچە شۇنداق بولىدۇ. مەسچىتكە كىرىپ نامازنى كۈتۈپ ساقلاپ تۇرسا نامازدا تۇرغاندەك بولىدۇ. سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆزىنىڭ ناماز ئادا قىلغان ئورنىدا بىرسىگە ئەزىيەت يەتكۈزمەستىن ۋە تاھارىتى بۇزۇلماستىن تۇرغان مۇددەتتە، پەرىشتىلەر ئۈ كىشى ئۈچۈن :«ئى ئاللاھ! ئۇ كىشىگە رەھمەت قىلسىلا، ئۇ كىشىنى مەغپىرەت قىلسىلا، ئۇ كىشىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلسىلا» دەپ دۇئا قىلىدۇ.بىرلىككە كەلگەن
عَنْ عَبْدِ اللَّهِ بْنِ عُمَرَ رَضِيَ اللَّهُ عَنْهُمَا قَالَ: أَخَذَ رَسُولُ اللَّهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ بِمَنْكِبِي، فَقَالَ: «كُنْ فِي الدُّنْيَا كَأَنَّكَ غَرِيبٌ أَوْ عَابِرُ سَبِيلٍ»، وَكَانَ ابْنُ عُمَرَ، يَقُولُ: إِذَا أَمْسَيْتَ فَلاَ تَنْتَظِرِ الصَّبَاحَ، وَإِذَا أَصْبَحْتَ فَلاَ تَنْتَظِرِ المَسَاءَ، وَخُذْ مِنْ صِحَّتِكَ لِمَرَضِكَ، وَمِنْ حَيَاتِكَ لِمَوْتِكَ.رواه البخاري
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھتىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: ھەسەد قىلىشماڭلار، يالغان خېرىدار بولىۋامماڭلار، بىربىرىڭلارنى يامان كۆرۈشمەڭلار، ئاداۋەت قىلىشماڭلار، سودىنى بۇزۇپ بىر نەرسە ساتماڭلار، ئاللاھ تائالانىڭ قېرىنداش بەندىلىرىدىن بولۇڭلار. مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ قېرىندىشىدۇر، ئۇنىڭغا زۇلۇم قىلمايدۇ، خورلىمايدۇ، يالغان ئېيىتمايدۇ، كەمسىتمەيدۇ. تەقۋادارلىق بۇ يەردە دەپ ئۈچ قېتىم كۆكرىكىگە ئىشارەت قىلدى. مۇسۇلماننىڭ قېرىندىشىنى كەمسىتىشى، قېنى ۋە يۈز-ئابرۇيىنى تۆكۈشى، مېلىنى ئېلىۋىلىش قاتارلىق ئىشلار يىتەرلىك گۇناھدۇرئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئۆزىگە بىر ئىشنى تەۋسىيە قىلىشنى تەلەپ قىلدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە: «ئاچچىقلانمىغىن» دېدى، ئۇ كىشى تەكرار تەلەپ قىلغان ئىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاچچىقلانمىغىن» دېدى.بۇخارى رىۋايىتى