حديث للعالم
ئىبادەت مەسىلىلىرىنى بىلىش

روزا

40 حديث

40 حديث

عَنْ أَبِي هُرَيْرَةَ رَضِيَ اللَّهُ عَنْهُ قَالَ: قَالَ رَسُولُ اللَّهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ: «قَالَ اللَّهُ: كُلُّ عَمَلِ ابْنِ آدَمَ لَهُ، إِلَّا الصِّيَامَ، فَإِنَّهُ لِي وَأَنَا أَجْزِي بِهِ، وَالصِّيَامُ جُنَّةٌ، وَإِذَا كَانَ يَوْمُ صَوْمِ أَحَدِكُمْ فَلاَ يَرْفُثْ وَلاَ يَصْخَبْ، فَإِنْ سَابَّهُ أَحَدٌ أَوْ قَاتَلَهُ، فَلْيَقُلْ إِنِّي امْرُؤٌ صَائِمٌ، وَالَّذِي نَفْسُ مُحَمَّدٍ بِيَدِهِ، لَخُلُوفُ فَمِ الصَّائِمِ أَطْيَبُ عِنْدَ اللَّهِ مِنْ رِيحِ المِسْكِ، لِلصَّائِمِ فَرْحَتَانِ يَفْرَحُهُمَا: إِذَا أَفْطَرَ فَرِحَ، وَإِذَا لَقِيَ رَبَّهُ فَرِحَ بِصَوْمِهِ».متفق عليه
سەھل ئىبنى سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جەننەتتە رەييان دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئىشىك بولۇپ، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭدىن روزا تۇتقانلارلا كىرىدۇ، باشقىلار كىرەلمەيدۇ، روزا تۇتقۇچىلار قەيەردە؟دېيىلسە، روزا تۇتقۇچىلار ئورنىدىن تۇرىدۇ، ئۇ ئىشىكتىن ئۇلاردىن باشقا ھېچكىم كىرەلمەيدۇ، ئۇلار كىرىپ بولسا ئىشىك تاقىلىپ، ئۇنىڭدىن باشقا بىرسىگە ئېچىلمايدۇ»ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
عَنْ عَائِشَةَ أُمِّ المؤْمِنينَ رَضِيَ اللهُ عَنْهَا: كَانَ رَسُولُ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ يَجْتَهِدُ فِي الْعَشْرِ الْأَوَاخِرِ مَا لَا يَجْتَهِدُ فِي غَيْرِهِ.رواه مسلم
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «رامىزان روزىسىنى ئاللاھقا ئىشىنىپ ۋە ئاللاھدىن ساۋاپ ئۈمىت قىلىپ تۇتقان كىشىنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ.بىرلىككە كەلگەن
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى قەدىر كېچىسىدە ئاللاھقا ئىشىنىپ ۋە ئاللاھتىن ساۋاپ ئۈمىد قىلىپ قىيامدا تۇرىدىكەن ئۇ كىشىنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ».بىرلىككە كەلگەن
ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: كىمكى ئاللاھ يولىدا بىركۈن روزا تۇتسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ يۈزىنى دوزاختىن يەتمىش يىللىق مۇساپىدە يىراقلىقتا قىلىدۇھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
سەھل ئىبنى سەئد ئەسسائىدى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ئىنسانلار ئىپتار قىلىشقا ئالدىرايدىكەن، ئۇلار دائىم ياخشىلىقتا بولىدۇھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
عَنْ زَيْدِ بْنِ ثَابِتٍ رَضِيَ اللَّهُ عَنْهُ قَالَ: تَسَحَّرْنَا مَعَ النَّبِيِّ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ، ثُمَّ قَامَ إِلَى الصَّلاةِ، قُلْتُ: كَمْ كَانَ بَيْنَ الأَذَانِ وَالسَّحُورِ؟ قَالَ: قَدْرُ خَمْسِينَ آيَةً.متفق عليه
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام ئاللاھ تائالا ئۇنى ۋاپات تاپقۇزغۇچە رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرىقى ئون كۈنلىرىدە ئېتىكاپتا تۇراتتى، پەيغەمبىرىمىزدىن كېيىن ئاياللىرىمۇ ئېتىكاپ قىلىشتى. يەنە بىر رىۋايەتتە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر رامىزاندا ئېتىكاپتا تۇراتتى، بامدات نامىزىنى ئوقۇپ بولسا ئېتىكاپتا تۇرىدىغان جايىغا كېلەتتىبۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: سوھۇرلۇق يەڭلار! ھەقىقەتەن ئۇنىڭدا بەرىكەت باردۇرھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە دېدى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام بىر سەپەرگە چىقىۋىدى، كىشىلەرنىڭ بىر يەرگە قىستىلىپ تۇرغانلىقىنى ۋە بىر ئادەمنىڭ سايىدىلىنىپ تۇرغانلىقىنى كۆردى، ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: نېمە ئىش بۇ؟ دېدى، ئۇلار: روزا تۇتقۇچى، دېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: سەپەردە روزا تۇتۇش ياخشى ئىش ئەمەس، دېدى. سەھىھ مۇسلىمدا كەلگەن يەنە بىر رىۋايەتتە: ئاللاھ تائالا سىلەرگە بەرگەن رۇخسىتىنى چىڭ تۇتۇڭلار! دېدىھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
ئەبى ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: رامزان ئېيىنىڭ بېشىغا بىر ياكى ئىككى كۈننى ئۇلاپ روزا تۇتماڭلار! ئەمما نورمالدا مەلۇم كۈنلەردە روزا تۇتۇشنى ئادەت قىلغان كىشى روزا تۇتسا بولىدۇھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
ئائىشە ۋە ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھالاردىن رىۋايەت قىلىپ ئۇلار مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم رامىزان كېچىلىرى بامدات ۋاقتىغىچە ئاياللىرى بىلەن بىرگە بولاتتى، ئاندىن يۇيۇنۇپ روزىسىنى داۋاملاشتۇراتتىھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھتىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: قانداق بىر روزا تۇتقۇچى ئۇنتۇپ قېلىپ بىرەر نەرسە يەپ-ئىچكەن بولسا، ئۇ روزىسىنى داۋاملاشتۇرىۋەرسۇن، ھەقىقەتەن بۇ ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا يېمەك ۋە ئۇسسۇزلۇق بەرگەنلىكىدۇرھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مېنىڭ سىرداش دوستۇم پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ماڭا: ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇتۇش، ھەر كۈنى ئىككى رەكئەت چاشگاھ نامىزى ئوقۇش ۋە ئۇخلاشتىن بۇرۇن ۋىتىر نامىزى ئوقۇشتىن ئىبارەت ئۈچ ئىشنى ۋەسىيەت قىلدىھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
مۆئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بايان قىلغان ھەدىستە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: قەدىر كېچىسىنى ئاخىرىقى ئوندىكى تاق كېچىلەردىن ئىزدەڭلارھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
عن عمر بن الخطاب رضي الله عنه قال: قال رسول الله صلى الله عليه وسلم : «إذا أقبل الليل من هَهُنا، وأَدْبَرَالنهار من ههنا، فقد أفطر الصائم».متفق عليه
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ھەدىس بايان قىلىپ، رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانتىم دەيدۇ: ئەگەر ھىلال ئاينى كۆرسەڭلار روزا تۇتۇڭلار، ئەگەر كېيىنكى ھىلال ئاينى كۆرسەڭلار ئېغىز ئېچىڭلار. ئەگەر ھاۋا تۇتۇق بولۇپ قالسا، مولچەرلەپ ئىش قىلىڭلارھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېدى: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئونى كىرسە كېچىچە ئىبادەت قىلاتتى، ئائىلىسىنى نامازغا ئويغىتاتتى ۋە ھېممەت كەمىرىنى مەھكەم باغلاپ ئىبادەتتە تىرىشچانلىق قىلاتتىھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ئەمەللەر پەيشەنبە ۋە دۈشەنبە كۈنلىرى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا كۆتۈرۈلىدۇ. مەن ئەمەللىرىمنىڭ روزىدار ھالىتىمدە كۆتۈرۈلۈشىنى ياخشى كۆرىمەن. يەنە بىر رىۋايەتتە: جەننەتنىڭ ئىشىگى دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى ئېچىلىدۇ، ئۇ كۈندە ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرمىگەن ۋە قېرىندىشىغا ئاداۋەت ساقلىمىغان كىشىلەرگە مەغپىرەت قىلىنىدۇ، دېيىلىدۇ: ھەتتاكى ئۇلار ئەپلەشكەنگە قەدەر ئاداۋەت ساقلىغان ئىككى كىشىگە مۆھلەت بىرىڭلار، ھەتتاكى ئۇلار ئەپلەشكەنگە قەدەر بۇ ئاداۋەت ساقلىغان ئىككى كىشىگە مۆھلەت بىرىڭلار. يەنە بىر رىۋايەتتە ئەمەللەر دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى كۆتۈرلىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۆزىگە شېرىك كەلتۈرمىگەن كىشىلەرگە مەغپىرەت قىلىدۇ، پەقەت قېرىندىشى بىلەن ئاداۋەت ساقلىغان ئىككى كىشىگە: بۇ ئىككىسى ئەپلەشكەنگە قەدەر ئۇلارنى قويۇپ قويۇڭلار، دەيدۇتىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
عن عمرو بن العاص رضي الله عنه أن رسول الله صلى الله عليه وسلم قال: «فَصْلُ مَا بَيْنَ صِيَامِنَا وصِيَامِ أهْلِ الكِتَابِ، أكْلَةُ السَّحَرِ».رواه مسلم
ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىنسانلار ئىچىدىكى ئەڭ سېخى زات ئىدى، بولۇپمۇ رامىزان ئېيىدا جىبرىئىل بىلەن كۆرۈشكەندە تېخىمۇ سېخى بولۇپ كېتەتتى، جىبرىئىل رەسۇلۇللاھ بىلەن رامىزان ئېيىنىڭ ھەر كېچىسىدە كۆرۈشۈپ قۇرئان ئۈگىتەتتى، شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ياخشى ئىشتا مەيىن شامالدىنمۇ بەك سېخى ئىدىھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
عن أنس بن مالك رضي الله عنه قال: كان رسولُ اللهِ صلى الله عليه وسلم يُفطِر قبْل أن يصلي على رُطَبات، فإن لم تكنْ رُطَباتٌ فَتُمَيْراتٌ، فإن لم تكنْ تُمَيْراتٌ، حَسَا حَسَواتٍ مِن ماء.رواه أبو داود والترمذي وأحمد
عن عائشة رضي الله عنها قالت: لم يكن النبي صلى الله عليه وسلم يصوم مِنْ شهر أكثر من شعبان، فإنّه كان يصوم شعبان كله. وفي رواية: كان يصوم شعبان إلا قليلا.متفق عليه