حديث للعالم
دەۋەت ۋە ھىسبە(ئىجتىمائىي ئىشلارنى كۈزىتىش)

ئاللاھ تەرەپكە دەۋەت قىلىش

10 حديث

10 حديث

شەقىق ئىبنى سەلەمە «ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھىم قىلسۇن» مۇنداق دېگەن: ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەر پەيشەنبە كۈنى ۋەز-نەسىھەت قىلاتتى. بىرى ئۇنىڭغا ئى ئەبۇ ئابدۇراھمان! بىزگە ھەر كۈنى ۋەز-نەسىھەت قىلىپ بەرسىكەن، دەيمەن، دېگەندە. ئۇ: سىلەرنى مالال قىلىپ قوياشنى ياقتۇرمىغانلىقىم، كۈندە ۋەز-نەسىھەت قىلىپ بېرىشتىن مېنى توسۇپ قويدى. مەنمۇ خۇددى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزنى مالال قىلىپ قويماسلىق ئۈچۈن، ئارلاپ، ئارىلاپ ۋەز-نەسىھەت قىلغىنىدەك، سىلەرگىمۇ ئارىلاپ سۆزلەپ بېرىۋاتىمەن، دېدىھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ مۇنداق دېدى: كىشىلەرگە ئەقلى قۇبۇل قىلالايدىغان نەرسىلەرنى سۆزلەڭلار، ئۇلارنىڭ ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىنى ئىنكار قىلىشىنى خالامسىلەربۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
ئەبى مۇسا ئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىنسان سەپەر قىلسا ياكى كېسەل بولۇپ قالسا، ئۇ كىشى ئۈچۈن سەپەر قىلمىغان ۋە ساق ۋاقتىدا قىلغان ئەمەل-ئىبادەتلەرنىڭ ئوخشىشىنىڭ ساۋابى يېزىلىدۇ».بۇخارى رىۋايىتى
ئابدۇللاھ بىن ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەندىن بىر ئايەت بولسىمۇ يەتكۈزۇڭلار، بەنى ئىسرائىل ۋەقەلىكىنى سۆزلەپ بەرسەڭلارمۇ بولىدۇ، كىمكى ماڭا قەستەن يالغاننى توقۇيدىكەن، دوزاختىن ئورنىنى تەييارلاپ قويسۇن».بۇخارى رىۋايىتى
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «بىرەرسىڭلار كېچىدە تۇرغاندا، قۇرئان تىلىغا كەلمەي، نېمە دەۋاتقانلىقىنى بىلمىسە، يېتىپ ئارام ئالسۇن» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندىئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «قانداق بىر كىشى بىر كۆچەت تىكىپ قويسا، ئۇنىڭ مېۋىسى يېيىلسە ئۇ كىشى ئۈچۈن سەدىقە، ئۇنىڭ مېۋىسى ئوغرىلىنىپ كەتسىمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن سەدىقە ۋە بىرسى ئۇنىڭغا زىيان يەتكۈزسىمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن سەدىقە ھېسابلىنىدۇ» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى. يەنە بىر رىۋايەتتە: «بىر مۇسۇلمان كۆچەت تىكسە ئۇنىڭ مېۋىسىدىن ئىنسان ياكى ھايۋان ياكى قۇشلار يېسە ئۇنىڭ ئۈچۈن تاكى قىيامەتكىچە سەدىقە بولىدۇ» دېيىلگەن، يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئەگەر بىر مۇسۇلمان كۆچەت تىكسە ياكى زىرائەت تېرىسا، ئۇنىڭ مېۋىسىدىن ئىنسان ياكى ھايۋان ياكى ئۇچار-قۇشلار يېسە، ئۇنىڭ ئۈچۈن تاكى قىيامەتكىچە سەدىقە بولىدۇئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
ئەبۇل ئەسۋەد دېگەن كىشى مۇنداق دېدى: مەدىنىگە كەلگەن ۋاختىمدا ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىدا ئولتۇراتتىم، ئۇلارنىڭ يېنىدىن بىر جىنازە ئۆتكەندە، ۋاپات بولغۇچىنىڭ ياخشى گىپى قىلىندى، ئۆمەر: لايىق بولدى،- دېدى، ئاندىن يەنە بىر جىنازە ئۆتكەندە، ئۇنىڭمۇ ياخشى گىپى قىلىندى، ئۆمەر: لايىق بولدى،- دېدى، ئاندىن يەنە بىر جىنازە ئۆتكەندە، ئۆلگۈچىنىڭ يامان گىپى قىلىندى، ئۆمەر: لايىق بولدى،- دېدى، ئەبۇل ئەسۋەد مۇنداق دېدى: مەن: ئى مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى! ئۇ نېمىگە لايىق بولدى؟ دەپ سورىسام، ئۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دېگەنگە ئوخشاش سۆزنى دېدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەر قانداق مۇسۇلمان ئۈچۈن تۆت كىشى ياخشىلىق بىلەن گۇۋاھلىق بەرسە، ئاللاھ ئۇنى جەننەتكە كىرگۈزىدۇ» دېگەندە، بىز: ئۈچ كىشى بولسىچۇ؟ دېسەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۈچ كىشى بولسىمۇ» دېدى، بىز ئىككى كىشى بولسىچۇ؟ دېسەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئىككى كىشى بولسىمۇ» دېدى، ئاندىن بىز بىر كىشى توغرۇلۇق سورىمىدۇقبۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر ئېشەكنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ ئۇنىڭ يۈزىنىڭ داغلانغانلىقىنى كۆرۈپ: «ئۇنىڭ يۈزىنى داغلىغان كىشىگە ئاللاھ لەنەت قىلسۇن» دېدى. ئىمام مۇسلىمدىن رىۋايەت قىلىنغان يەنە بىر ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «يۈزىگە ئۇرۇشتىن ۋە يۈزىنى داغلاشتىن چەكلىدى»ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
عن أبي هريرة رضي الله عنه مرفوعاً: «بينما رجلٌ يمشي بطريقٍ اشتَدَّ عليه العَطَشُ، فوَجَدَ بِئْرًا فنزل فيها فَشَرِبَ، ثم خَرَجَ فإذا كَلْبٌ يَلْهَثُ يأكل الثَّرَى مِنَ العَطَشِ، فقال الرجلُ: لقد بَلَغَ هذا الكَلْبَ مِنَ العَطَشِ مِثْلَ الذِي كان قَدْ بَلَغَ مِنِّي، فنَزَلَ البِئْرَ، فَمَلَأَ خُفَّهُ ماءً ثم أَمْسَكَهُ بِفِيهِ حَتَّى رَقِيَ، فَسَقَى الكَلْبَ، فشَكَرَ اللهُ له، فَغَفَرَ لهُ» قالوا: يا رسول الله، إنَّ لَنَا في البَهَائِمِ أَجْرًا؟ فقال: «في كُلِّ كَبِدٍ رَطْبَةٍ أَجْرٌ». وفي رواية: «فشَكَرَ اللهُ له، فغَفَرَ له، فَأَدْخَلَهُ الجَنَّةَ». وفي رواية: «بَيْنَمَا كَلْبٌ يُطِيفُ بِرَكْيَةٍ قد كَادَ يَقْتُلُهُ العَطَشُ إذ رَأَتْهُ بَغِيٌّ مِنْ بَغَايَا بَنِي إِسْرَائِيلَ، فَنَزَعَتْ مُوقَهَا فَاسْتَقَتْ له بهِ فَسَقَتْهُ فَغُفِرَ لها بِهِ».الرواية الأولى: متفق عليها. الرواية الثانية: رواها البخاري. الرواية الثالثة: متفق عليها
عَنْ أَبي هُرَيْرَةَ قَالَ: قَالَ رَسُولُ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ حِينَ أُنْزِلَ عَلَيْهِ {وَأَنْذِرْ عَشِيرَتَكَ الْأَقْرَبِينَ} [الشعراء: 214]: «يَا مَعْشَرَ قُرَيْشٍ، اشْتَرُوا أَنْفُسَكُمْ مِنَ اللهِ، لَا أُغْنِي عَنْكُمْ مِنَ اللهِ شَيْئًا، يَا بَنِي عَبْدِ الْمُطَّلِبِ، لَا أُغْنِي عَنْكُمْ مِنَ اللهِ شَيْئًا، يَا عَبَّاسَ بْنَ عَبْدِ الْمُطَّلِبِ، لَا أُغْنِي عَنْكَ مِنَ اللهِ شَيْئًا، يَا صَفِيَّةُ عَمَّةَ رَسُولِ اللهِ، لَا أُغْنِي عَنْكِ مِنَ اللهِ شَيْئًا، يَا فَاطِمَةُ بِنْتَ رَسُولِ اللهِ، سَلِينِي بِمَا شِئْتِ لَا أُغْنِي عَنْكِ مِنَ اللهِ شَيْئًا».متفق عليه