حديث للعالم
تارىخ ۋە تەرجىمىھال

تارىخ

4 حديث

4 حديث

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ سەپەرگە ماڭغان كىشىگە مۇنداق دەيتتى: «ماڭا يىقىن كەلگىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىز بىلەن خوشلاشقاندەك خوشلىشايلى»، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «دىنىڭنى، مەسئۇلىيتىڭنى ۋە ئاخىرقى ئەمەللىرىڭنى ئاللاھقا تاپشۇردۇم» دەيتتى. ئابدۇللاھ ئىبنى يەزىد خەتمى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جەڭچىلەر بىلەن خوشلاشقاندا: «دىنىڭنى، مەسئۇلىيتىڭنى ۋە ئاخىرقى ئەمەللىرىڭنى ئاللاھقا تاپشۇردۇم» دەيىتتىئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - نىسائىي"سۇنەن نىسائىي"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ن
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: مەن توسقان ئىشلاردىن تولۇق چەكلىنىڭلار، بۇيرىغان ئىشلارنى كۈچۈڭلارنىڭ يىتىشىچە قىلىڭلار، سىلەردىن ئىلگىرىكى قەۋىملەر كۆپ سوئال سوراش، پەيغەمبەرلىرىگە خىلاپلىق قىلىش بىلەن ھالاك بولدىھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
ئەبۇ بەكرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: ھەقىقەتەن زامان، ئاللاھ تائالا ئاسمان زېمىننى يارتقان كۈنىدىكىدەك ئەسلى ھالىتىگە ئايلاندى. بىر يىل ئون ئىككى ئايدۇر، بۇلاردىن تۆرتى ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلار بولۇپ، ئۈچى ئارقىمۇ-ئارقا كېلىدۇ، زۇلقەئدە، زۇلھەججە ۋە مۇھەررەم، تورتىنچىسى جۇمادا بىلەن شەئبان ئارسىدىكى مۇزەر قەبىلىسى بەك ئۇلۇغلايدىغان رەجەب ئېيىدۇر، دېدى. رەسۇلۇللاھ: بۇ ئاي قايسى ئاي؟ دەپ سورىدى. بىز: ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر، دېدۇق. بىر ئاز شۇك تۇرغان ئىدى، بىز ئۇ ئاينى باشقا ئىسمى بىلەن ئاتايدىغان ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپ قالدۇق. رەسۇلۇللاھ: بۇ زۇلھەججە ئېيى ئەمەسمۇ دېۋىدى. بىز شۇنداق دېدۇق. رەسۇلۇللاھ: بۇ قايسى شەھەر؟ دېدى. بىز ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى ياخشى بىلگۈچىدۇر، دېدۇق. بىر ئاز شۇك تۇرغان ئىدى، بىز ئۇنى باشقا ئىسمى بىلەن ئاتايدىغان ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپ قالدۇق. رەسۇلۇللاھ: بۇ مەككە ئەمەسمۇ؟ دېدى. بىز شۇنداق دېدۇق. رەسۇلۇللاھ بۇ قايسى كۈن؟ دېدى. بىز: ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى ياخشى بىلگۈچىدۇر، دېدۇق. بىر ئاز شۇك تۇرغان ئىدى، بىز ئۇنى باشقا ئىسمى بىلەن ئاتايدىغان ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپ قالدۇق. رەسۇلۇللاھ: بۇ ھېيىت كۈنى ئەمەسمۇ؟ دېگەندە بىز شۇنداق دېدۇق. رەسۇلۇللاھ: بىر-بىرىڭلارنىڭ جېنىغا ۋە مېلىغا چېقىلىش، خۇددى مۇشۇ كۈننىڭ، مۇشۇ ئاينىڭ ۋە مۇشۇ يۇرتنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىماسلىق ھارام قىلىنغانغا ئوخشاشلا ھارام قىلىندى، سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارغا مۇلاقات بولىسلەر، ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلاردىن سورايدۇ، مەندىن كېيىن بىرىڭلار بىرىڭلارنى ئۆلتۈرىدىغان كاپىرلاردىن بولماڭلار، سورۇندىكىلەر باشقىلارغا يەتكۈزسۇن، بەزى يەتكۈزۈلگەنلەر ئاڭلىغانلاردىن زىرەكرەك، دېدى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ: مەن سىلەرگە يەتكۈزدۈممۇ؟ مەن سىلەرگە يەتكۈزدۈممۇ؟ دەپ قايتا-قايتا سورىغان ئىدى. بىز: شۇنداق، يەتكۈزلە، دېدۇق. رەسۇلۇللاھ: ئى ئۇلۇغ ئاللاھ! سەن گۇۋاھ بولغىن، دېدىھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
عن زيد بن ثابت رضي الله عنه ، قال: كنَّا عند رسول الله صلى الله عليه وسلم نُؤَلِّفُ القرآنَ من الرِّقاع، فقال رسول الله صلى الله عليه وسلم : «طُوبَى للشَّام»، فقلنا: لأيٍّ ذلك يا رسولَ الله؟ قال: «لأنَّ ملائكةَ الرحمن باسطةٌ أجنحتَها عليها».رواه الترمذي وأحمد