حديث للعالم
اضغط على الصورة لعرضها بالحجم الكامل
پىقھى ۋە ئۇنىڭ ئۇسۇل قائىدىلىرى

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە:

متاح بـ 65 لغة
«ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىككى سەجدىنىڭ ئارىسىدا مۇنداق دەيتتى: «ئى ئاللاھ! مېنى مەغپىرەت قىلغىن، ماڭا رەھمەت قىلغىن، مېنى ساق-سالامەت قىلغىن، مېنى ھىدايەت قىلغىن ۋە رىزىق ئاتا قىلغىن».»

ترجمة بالمعنى ·

شرح الحديث

خلاصة المعنى بعبارة ميسّرة

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام نامىزىدا ئىككى سەجدىنىڭ ئارىسىدا بەش تۈرلۈك دۇئانى قىلاتتى، بۇنىڭغا مۇسۇلمان بەك ئېھتىياجلىق بولىدۇ، بۇ دۇئا دۇنيا-ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقىنى ئۆز ئېچىگە ئالغان، مەغپىرەت تەلەپ قىلىش، گۇناھىنىڭ يوشۇرلىشى، ئەپۇ قىلىنىشى، رەھمەتنىڭ كەڭرى بولىشى، تۈرلۈك زاھىرى ۋە باتىنى كېسەللەر، شەك-شۈبھىلەردىن سالامەت بولىشى، ئاللاھ تائالادىن ھەق ئۈستىدە تەۋرەنمەستىن مۇستەھكەم قىلىشنى سورىشى، پاكىزە ھالال مال، ياخشى ئەمەل، ئىلىم ۋە ئىماننى رىزىق قىلىپ بېرىشنى سورىشىدىن ئىبارەتتۇر.

المصدر
ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى، ئىبنى ماجە ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان
تحميل الصورة

ستُحفظ الصورة بجودتها الأصلية