حديث للعالم
ناماز

نامازنىڭ سۈپەتلىرى

10 حديث

10 حديث

ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مېنىڭ ئالقىنىمنى ئۆزىنىڭ ئىككى ئالقىنىڭ ئارىسىغا ئېلىپ قۇرئان كەرىمدىن سۈرە ئۈگەتكەندەك تەشەھھۇتنى ئۈگەتتى:«التَّحِيَّاتُ لِلَّهِ، وَالصَّلَوَاتُ وَالطَّيِّبَاتُ، السَّلاَمُ عَلَيْكَ أَيُّهَا النَّبِيُّ وَرَحْمَةُ اللَّهِ وَبَرَكَاتُهُ، السَّلاَمُ عَلَيْنَا وَعَلَى عِبَادِ اللَّهِ الصَّالِحِينَ، أَشْهَدُ أَنْ لاَ إِلَهَ إِلَّا اللَّهُ، وَأَشْهَدُ أَنَّ مُحَمَّدًا عَبْدُهُ وَرَسُولُهُ». بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ لەپزىدە:« ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا تىنچلىق ئاتا قىلغۇچىدۇر، سىلەرنىڭ بىرىڭلار نامازدا تەشەھھۇتتا ئولتۇرغاندا: التَّحِيَّاتُ لِلَّهِ وَالصَّلَوَاتُ وَالطَّيِّبَاتُ السَّلَامُ عَلَيْكَ أَيُّهَا النَّبِيُّ وَرَحْمَةُ اللهِ وَبَرَكَاتُهُ، السَّلَامُ عَلَيْنَا وَعَلَى عِبَادِ اللهِ الصَّالِحِينَ» دېسە، بۇ سۆز ئاسمان ۋە زېمىندىكى ھەر بىر سالىھ بەندىگە يېتىدۇ، أَشْهَدُ أَنْ لَا إِلَهَ إِلَّا اللهُ، وَأَشْهَدُ أَنَّ مُحَمَّدًا عَبْدُهُ وَرَسُولُهُ» دەپ بولغاندىن كېيىن خالىغان دۇئا-تېلەكلەرنى دېسە بولىدۇ.بىرلىككە كەلگەن
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئەگەر ئىمام (ئامىن) دېسە سىلەرمۇ بىللە ئامىن دەڭلار، چۈنكى قانداق بىر ئادەمنىڭ ئامىن دېيىشى پەرىشتىلەرنىڭ ئامىن دېيىشىگە ئۇدۇل كېلىپ قالسا، ئۇنىڭ ئىلگىرى قىلغان گۇناھلىرى مەغپىرەت بولىدۇھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نامازغا تۇرغاندا مۇنداق دەيتتى: «مەن باتىل دىنلاردىن ھەق دىنغا بۇرۇلۇپ، ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان زاتقا يۈزلەندىم، مەن مۇشرىكلاردىن ئەمەسمەن، مېنىڭ نامىزىم، قۇربانلىقىم، ھاياتىم ۋە ماماتىم ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ ئۈچۈندۇر، ئاللاھنىڭ شېرىكى يوقتۇر، مەن مۇشۇنىڭغا بۇيرۇلدۇم، مەن مۇسۇلمانلاردىنمەن. ئى ئاللاھ! سەن پادىشاھسەن، سەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق. سەن مېنىڭ پەرۋەردىگارىمسەن، مەن سېنىڭ بەندەڭمەن. مەن ئۆزۈمگە زۇلۇم قىلدىم، گۇناھلىرىمنى ئېتىراپ قىلدىم، پۈتۈن گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلغىن، گۇناھلارنى پەقەت سەنلا مەغپىرەت قىلىسەن. مېنى ياخشى ئەڭ گۈزەل ئەخلاقلارغا يېتەكلىگىن، ياخشى ئەخلاقلارغا پەقەت سەنلا يېتەكلەيسەن، مەندىكى ناچار ئەخلاقلارنى ئىسلاھ قىلغىن، ناچار ئەخلاقلارنى سەنلا ئۆزگەرتىسەن، مەن سېنىڭ خىزمىتىڭگە ھازىرمەن، ساڭا خىزمەت قىلىشنى بەخت دەپ بىلىمەن، ھەممە ياخشىلىق سېنىڭ قولۇڭدىدۇر، يامانلىق ساڭا مەنسۇپ ئەمەس، قۇتۇلۇش ۋە باشپاناھلىق پەقەت سېنىڭ دەرگاھىڭدىدۇر. سەن بۈيۈكسەن، ئۈستۈنسەن، سەندىن مەغپىرەت تىلەيمەن ۋە ساڭا تەۋبە قىلىمەن» دەيتتى. رۇكۇ قىلغاندا: «ئى ئۇلۇغ ئاللاھ ساڭا رۇكۇ قىلدىم، ساڭا ئىشەندىم، ساڭا بويسۇندۇم، قۇلۇقۇم، كۆزۈم، مىڭەم، سۆڭەك ۋە پەيلىرىم سەندىن ئىتائەت قىلدى» دەيتتى. رۇكۇدىن تۇرغاندا: «ئى ئۇلۇغ ئاللاھ! ساڭا ئاسمان-زېمىن ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىلىقى ۋە باشقا سەن خالىغان شەيئىلەر توشقۇدەك ھەمدىلەر بولسۇن» دەيتتى. سەجدە قىلغاندا: «ئى ئاللاھ ساڭا سەجدە قىلدىم، ساڭا ئىشەندىم ۋە بويسۇندۇم، يۈزۈم ياراتقان، شەكىلگە كىرگۈزگەن، كۆز ۋە قۇلاق ئاتا قىلغان ئىگىسىگە سەجدە قىلدى، ئەڭ گۈزەل ياراتقۇچى ئاللاھ ئۇلۇغدۇر، دەيتتى. ئاندىن ئاخىرىدا تەشەھھۇد بىلەن سالام بېرىشنىڭ ئالدىدا: «ئى ئاللاھ مېنىڭ ئىلگىرى-كېيىن، ئاشكارا-يوشۇرۇن، چېكىدىن ئاشۇرۇپ قىلغان، سەن مەندىن ياخشى بىلىدىغان گۇناھلىرىمنى ئەپۇ قىلغىن!، سەن ئىلگىرىلەتكۈچىسەن ۋە كەينىدە قالدۇرغۇچىسەن، سەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق» دەيتتىئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
ھەكەم ئېيتتى: كۇپە شەھرىگە زەمەن ئىبنى ئەشئەس ھۆكۈمرانلىق قىلغان ۋاقتىدا، ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى ئابدۇللاھنى كىشىلەرگە ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇپ بېرىشكە بۇيرىدى، ئۇ كىشى رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرگەندە: "پەرۋەردىگارىمىز! ساڭا ئاسمانلار، زېمىن ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكىلەر تولغىچە ۋە سەن ياراتقان ۋە يارىتىدىغان بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ سانىچە ھەمدۇ-سانا ئېيتىمەن، سەن مەدھىيلەش ۋە ئۇلۇغلاشقا لايىقسەن، سەن بەرگەننى توسىۋالغۇچى يوق، سەن توسقاننى بەرگۈچى يوق، سېنىڭ دەرگاھىڭدا بايلارنىڭ بايلىقى ئەسقاتمايدۇ" دېگەن دۇئانى ئوقۇغان مىقداردا تۇراتتى، ھەكەم مۇنداق دېدى: مەن بۇ ئىشنى ئابدۇرەھمان ئىبنى ئەبى لەيلاغا سۆزلەپ بەرسەم، ئۇ كىشى مۇنداق دېدى: مەن بەرا ئىبنى ئازىپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نامىزى بولسا رۇكۇسى، رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرگەندە تۇرىشى، سەجدە قىلىشى، ئىككى سەجدىنىڭ ئارىسىدا ئولتۇرىشى ئاساسەن بىر-بىرىگە يېقىن ئىدى» ، شۇئبە مۇنداق دېدى: "مەن بۇ سۆزنى ئەمرۇ ئىبنى مۇررەگە دېسەم، ئۇ كىشى: مەن ئىبنى ئەبى لەيلانى كۆرگەن، ئۇنىڭ نامىزى بۇنداق ئەمەس ئىدى دېدىئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: مەن يەتتە ئەزا بىلەن سەجدە قىلىشقا بۇيرۇلدۇم دەپ: پىشانىگە، قولى بىلەن بۇرنى، ئىككى قولى، ئىككى تىزى ۋە ئىككى قەدىمىنىڭ ئەتراپىغا ئىشارەت قىلدى ۋە كىيىمنى تۈرىۋالماسلىق، چاچنى بانتىلىۋالماسلىق كېرەك، دېدىبىرلىككە كەلگەن
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىككى سەجدىنىڭ ئارىسىدا مۇنداق دەيتتى: «ئى ئاللاھ! مېنى مەغپىرەت قىلغىن، ماڭا رەھمەت قىلغىن، مېنى ساق-سالامەت قىلغىن، مېنى ھىدايەت قىلغىن ۋە رىزىق ئاتا قىلغىن».ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى، ئىبنى ماجە ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان
عن أنس بن مالك رضي الله عنه أن النبي صلى الله عليه وسلم : كان لا يقنت إلا إذا دعا لقوم، أو دعا على قوم.رواه ابن خزيمة
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « كىشىلەرنىڭ ئەڭ ناچىرى نامازىنى ئوغۇرلىغۇچىدۇر»، ئەبۇ ھۈرەيرە: نامىزىنى قانداق ئوغۇرلايدۇ؟ دېگەن ئېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «نامازنىڭ رۇكۇ ۋە سەجدىلىرىنى تولۇق ئادا قىلمايدۇ» دېدى.ئىبنى ھىببان رىۋايىتى
ئىبنى ئەبى ئەۋپا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرگەندە: «سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدە» (ئاللاھ ئۆزىنى مەدھىيلىگەن كىشىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىدى)، رەببەنا لەكەل ھەمدۇ، مىلئەس سەماۋاتى ۋە مىلئەل ئەرزى ۋە مىلئە ما شىئتە مىن شەيئىن بەئدۇ»(ئى رەببىمىز ئاللاھ! ئاسمانلار، زېمىنلار، ئۇنىڭدىن كېيىنكى سەن خالىغان چەكسىز بارلىق گۈزەل مەدھىيلەر ساڭا خاستۇر)دەيدۇ.مۇسلىم رىۋايىتى
ئوسمان بىن ئەبۇل ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: ئۇ كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! شەيتان مەن بىلەن مېنىڭ نامىزىم، ئوقۇغان تېلاۋىتىمنىڭ ئارىسىدا ماڭا توسانجا بولۇپ ئۇنى ماڭا ئارىلاشتۇرىۋېتىدۇ دېگەن ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«ئۇ ھىنزەپ دەپ ئاتىلىدىغان شەيتاندۇر، سەن بۇنى ھېس قىلغان ۋاقتىڭدا، ئۇنىڭ ئازدۇرىشىدىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھلىق تېلىگىن، سول تەرىپىڭگە ئۈچ قېتىم تۈفلىۋەتكىن» دېدى. ئۇ كىشى: مەن شۇنداق قىلغان ئېدىم، ئاللاھ تائالا ئۇ ۋەسۋەسىنى مەندىن كەتكۈزىۋەتتى دېدى.مۇسلىم رىۋايىتى