پىقھى ۋە ئۇنىڭ ئۇسۇل قائىدىلىرى
متاح بـ 16 لغة
«ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نامازغا تۇرغاندا مۇنداق دەيتتى: «مەن باتىل دىنلاردىن ھەق دىنغا بۇرۇلۇپ، ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان زاتقا يۈزلەندىم، مەن مۇشرىكلاردىن ئەمەسمەن، مېنىڭ نامىزىم، قۇربانلىقىم، ھاياتىم ۋە ماماتىم ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ ئۈچۈندۇر، ئاللاھنىڭ شېرىكى يوقتۇر، مەن مۇشۇنىڭغا بۇيرۇلدۇم، مەن مۇسۇلمانلاردىنمەن. ئى ئاللاھ! سەن پادىشاھسەن، سەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق. سەن مېنىڭ پەرۋەردىگارىمسەن، مەن سېنىڭ بەندەڭمەن. مەن ئۆزۈمگە زۇلۇم قىلدىم، گۇناھلىرىمنى ئېتىراپ قىلدىم، پۈتۈن گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلغىن، گۇناھلارنى پەقەت سەنلا مەغپىرەت قىلىسەن. مېنى ياخشى ئەڭ گۈزەل ئەخلاقلارغا يېتەكلىگىن، ياخشى ئەخلاقلارغا پەقەت سەنلا يېتەكلەيسەن، مەندىكى ناچار ئەخلاقلارنى ئىسلاھ قىلغىن، ناچار ئەخلاقلارنى سەنلا ئۆزگەرتىسەن، مەن سېنىڭ خىزمىتىڭگە ھازىرمەن، ساڭا خىزمەت قىلىشنى بەخت دەپ بىلىمەن، ھەممە ياخشىلىق سېنىڭ قولۇڭدىدۇر، يامانلىق ساڭا مەنسۇپ ئەمەس، قۇتۇلۇش ۋە باشپاناھلىق پەقەت سېنىڭ دەرگاھىڭدىدۇر. سەن بۈيۈكسەن، ئۈستۈنسەن، سەندىن مەغپىرەت تىلەيمەن ۋە ساڭا تەۋبە قىلىمەن» دەيتتى. رۇكۇ قىلغاندا: «ئى ئۇلۇغ ئاللاھ ساڭا رۇكۇ قىلدىم، ساڭا ئىشەندىم، ساڭا بويسۇندۇم، قۇلۇقۇم، كۆزۈم، مىڭەم، سۆڭەك ۋە پەيلىرىم سەندىن ئىتائەت قىلدى» دەيتتى. رۇكۇدىن تۇرغاندا: «ئى ئۇلۇغ ئاللاھ! ساڭا ئاسمان-زېمىن ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىلىقى ۋە باشقا سەن خالىغان شەيئىلەر توشقۇدەك ھەمدىلەر بولسۇن» دەيتتى. سەجدە قىلغاندا: «ئى ئاللاھ ساڭا سەجدە قىلدىم، ساڭا ئىشەندىم ۋە بويسۇندۇم، يۈزۈم ياراتقان، شەكىلگە كىرگۈزگەن، كۆز ۋە قۇلاق ئاتا قىلغان ئىگىسىگە سەجدە قىلدى، ئەڭ گۈزەل ياراتقۇچى ئاللاھ ئۇلۇغدۇر، دەيتتى. ئاندىن ئاخىرىدا تەشەھھۇد بىلەن سالام بېرىشنىڭ ئالدىدا: «ئى ئاللاھ مېنىڭ ئىلگىرى-كېيىن، ئاشكارا-يوشۇرۇن، چېكىدىن ئاشۇرۇپ قىلغان، سەن مەندىن ياخشى بىلىدىغان گۇناھلىرىمنى ئەپۇ قىلغىن!، سەن ئىلگىرىلەتكۈچىسەن ۋە كەينىدە قالدۇرغۇچىسەن، سەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق» دەيتتى»ترجمة بالمعنى ·
ستُحفظ الصورة بجودتها الأصلية








