حديث للعالم
اضغط على الصورة لعرضها بالحجم الكامل
ئەقىدە ئىلمى

ئوسمان بىن ئەبۇل ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە:

متاح بـ 63 لغة
«ئوسمان بىن ئەبۇل ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: ئۇ كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! شەيتان مەن بىلەن مېنىڭ نامىزىم، ئوقۇغان تېلاۋىتىمنىڭ ئارىسىدا ماڭا توسانجا بولۇپ ئۇنى ماڭا ئارىلاشتۇرىۋېتىدۇ دېگەن ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«ئۇ ھىنزەپ دەپ ئاتىلىدىغان شەيتاندۇر، سەن بۇنى ھېس قىلغان ۋاقتىڭدا، ئۇنىڭ ئازدۇرىشىدىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھلىق تېلىگىن، سول تەرىپىڭگە ئۈچ قېتىم تۈفلىۋەتكىن» دېدى. ئۇ كىشى: مەن شۇنداق قىلغان ئېدىم، ئاللاھ تائالا ئۇ ۋەسۋەسىنى مەندىن كەتكۈزىۋەتتى دېدى.»

ترجمة بالمعنى ·

شرح الحديث

خلاصة المعنى بعبارة ميسّرة

ئوسمان بىن ئەبۇل ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! شەيتان مەن بىلەن مېنىڭ نامىزىم ئارىسىدا ماڭا توسانجا بولىدۇ، مېنى نامازنى خۇشۇ بىلەن ئادا قىلىشتىن كاشىلا بولىدۇ، ئوقۇغان تىلاۋېتىمنى ماڭا ئارىلاشتۇرىۋېتىدۇ، ئۇنىڭدا ماڭا شەك پەيدا قىلىپ قويىدۇ دېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا:«ئۇ ھىنزەپ دەپ ئاتىلىدىغان شەيتاندۇر، سەن بۇنى ھېس قىلغان ۋە تاپقان ۋاقتىڭدا، ئۇنىڭ ئازدۇرىشىدىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھلىق تېلىگىن، ئاللاھ بىلەن ساقلانغىن، سول تەرىپىڭگە ئۈچ قېتىم تۈفلىۋەتكىن» دېدى. ئوسمان بىن ئەبۇل ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ : مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇيرىغاننى قىلغان ئېدىم، ئاللاھ تائالا ئۇ ۋەسۋەسىنى مەندىن كەتكۈزىۋەتتى دېدى.

المصدر
مۇسلىم رىۋايىتى
تحميل الصورة

ستُحفظ الصورة بجودتها الأصلية