حديث للعالم
پەزىلەتلەر

زىكىرنىڭ پەزىلىتى

10 حديث

10 حديث

ئەبۇ دەردا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مەن سىلەرگە ئەمەللىرىڭىلارنىڭ ياخشىراقى ۋە ئىگەڭلارنىڭ نەزىرىدە پاكراقى، دەرىجەڭلارنى يۇقىرى كۆتىرىدىغانراقى، سىلەر ئۈچۈن ئالتۇن-كۆمۈش خەجلىگەندىنمۇ ياخشىراقى، دۈشمەنلىرىڭلارغا ئۇچرىشىپ سىلەر ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىغا، ئۇلار سىلەرنىڭ بويۇنلىرىڭلارغا ئۇرغاندىنمۇ ياخشىراق بولغىنىنى دەپ بېرەيمۇ؟» دېدى، ساھابىلار: شۇنداق قىلسىلا، ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھنى ئەسلەش» دېدىئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مُفرِِدُونَ» لار ئىلگىرىلەپ كەتتى دېگەن ئىدى، ساھابىلار: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئۇلار كىمۇ؟ دېيىشتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھنى دائىم زىكىر قىلىپ تۇرغۇچى ئەر-ئاياللار» دېدىئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
عن الْأَغَرِّ رضي الله عنه، وَكَانَ مِنْ أَصْحَابِ النَّبِيِّ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ، قَالَ: قَالَ رَسُولُ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ: «يَا أَيُّهَا النَّاسُ تُوبُوا إِلَى اللهِ، فَإِنِّي أَتُوبُ فِي الْيَوْمِ إِلَيْهِ مِائَةَ مَرَّةٍ».رواه مسلم
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالادىن بايان قىلغان ھەدىستە، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:«بەندەم بىر گۇناھنى قىلىپ، ئاندىن: ئى ئاللاھ! گۇناھىمنى مەغپىرەت قىلغىن دېسە، ئاللاھ تائالا: بەندەم گۇناھ قىلىپ، ئۆزىنىڭ گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدىغان ۋە جازالايدىغان رەببىنىڭ بارلىقىنى بىلدى دەيدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن قايتا گۇناھ قىلىپ، ئى رەببىم! گۇناھىمنى مەغپىرەت قىلغىن دېسە، ئاللاھ تائالا: بەندەم گۇناھ قىلىپ، ئۆزىنىڭ گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدىغان ۋە جازالايدىغان رەببىنىڭ بارلىقىنى بىلدى دەيدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن قايتا گۇناھ قىلىپ، ئى رەببىم! گۇناھىمنى مەغپىرەت قىلغىن دېسە، ئاللاھ تائالا: بەندەم گۇناھ قىلىپ، ئۆزىنىڭ گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدىغان ۋە جازالايدىغان رەببىنىڭ بارلىقىنى بىلدى، خالىغاننى قىلغىن، سېنى ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلدىم دەيدۇ»بىرلىككە كەلگەن
عن أبي ذر الغفاري رضي الله عنه عن النبي صلى الله عليه وسلم قال: «ألاَ أُخْبِرُكَ بِأَحَبِّ الكَلاَمِ إِلَى اللهِ؟ إنَّ أَحَبَّ الكلام إِلى الله: سبحان اللهِ وبحمدِهِ».رواه مسلم
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: جىنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەمكى، ناۋادا سىلەر گۇناھ قىلمىساڭلار، ئەلۋەتتە ئاللاھ تائالا سىلەرنى ئېلىپ كېتىپ، گۇناھ قىلىدىغان، ئاندىن ئاللاھ تائالادىن مەغپىرەت تىلەيدىغان، ئۆزى ئۇلارنى مەغپىرەت قىلىدىغان بىر قوۋمنى كەلتۈرگەن بولاتتىئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
باقى قالىدىغان ياخشى ئەمەللەر: بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچبىر ئىلاھ يوق، ئاللاھ ئەيىب نۇقساندىن پاكتۇر، ئاللاھ بۈيۈكتۇر، ئاللاھقا ھەمدۇ-سانالار بولسۇن، تەدبىر ۋە قۇۋۋەت پەقەت ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەندۇرئىبنى ھىببان"سەھىھ ئىبنى ھىببان"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ھاكىم "مۇستەدرەك"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - نىسائىي"سۇنەن نىسائىي"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: كىمكى كۈنىگە يۈز قېتىم: (سۇبھانەللاھى ۋە بىھەمدىھى) يەنى ئاللاھقا ھەمدە ئېيتىش بىلەن ئۇنى بارچە نۇقسانلاردىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن دېسە، ئۇنىڭ گۇناھلىرى دېڭىزنىڭ كۆپىكىدەك كۆپ بولسىمۇ ئەپۇ قىلىنىدۇ.بىرلىككە كەلگەن
ئابدۇللاھ بىن ئەمرۇ بىن ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىىنلغان ھەدىستە، ئۇ كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «مۇئەززىننىڭ ئەزان ئوقۇغانلىقىنى ئاڭلىغان ۋاقتىڭلاردا مۇئەززىن دېگەن سۆزنىڭ ئوخشىشىنى دەڭلار، ئۇنىڭدىن كېيىن ماڭا دۇرۇت-سالام يوللاڭلار. ھەقىقەتەن كىمكى ماڭا بىر قېتىم دۇرۇت-سالام يوللىسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ سەۋەبى بىلەن ئۇ كىشىگە ئون رەھمەت يازىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھ تائالادىن مەن ئۈچۈن بىر ۋاستىنى سوراڭلار، ئۇ جەننەتتىكى ئالى مەرتىۋە بولۇپ، ئۇنىڭغا پەقەت ئاللاھنىڭ بەندىلىرىدىن بىرلا كىشى لايىق بولىدۇ، ئۇ كىشىنىڭ مەن بولۇشىمنى ئۈمىد قىلىمەن. كىمكى مەن ئۈچۈن ئۇ ئورۇننى سورىسا، ئۇ كىشىگە مېنىڭ شاپائىتىم ھالال بولىدۇ».مۇسلىم رىۋايىتى
ئوسمان بىن ئەبۇل ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: ئۇ كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! شەيتان مەن بىلەن مېنىڭ نامىزىم، ئوقۇغان تېلاۋىتىمنىڭ ئارىسىدا ماڭا توسانجا بولۇپ ئۇنى ماڭا ئارىلاشتۇرىۋېتىدۇ دېگەن ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«ئۇ ھىنزەپ دەپ ئاتىلىدىغان شەيتاندۇر، سەن بۇنى ھېس قىلغان ۋاقتىڭدا، ئۇنىڭ ئازدۇرىشىدىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھلىق تېلىگىن، سول تەرىپىڭگە ئۈچ قېتىم تۈفلىۋەتكىن» دېدى. ئۇ كىشى: مەن شۇنداق قىلغان ئېدىم، ئاللاھ تائالا ئۇ ۋەسۋەسىنى مەندىن كەتكۈزىۋەتتى دېدى.مۇسلىم رىۋايىتى