حديث للعالم
پەزىلەتلەر

تەۋھىدنىڭ پەزىلىتى

4 حديث

4 حديث

ئەبۇ ھۈرەيرە ۋە ئەبۇ سەئىدىل خۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلمانغا ئېغىرچىلىق، كېسەل، غەم-قايغۇ، ئەزىيەت ياكى ھەسرەت، ھەتتا سانجىلغان تىكەنگە قەدەر زىيان يېتىپلا قالسا، ئۇلارنىڭ سەۋەبى بىلەن ئاللاھ ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى ئۆچۈرىدۇ».بىرلىككە كەلگەن
ئەنەس بىن مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن بىر ئۇلاققا مىنگەشتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئى مۇئاز بىن جەبەل!» دېدى، مۇئاز: خوش ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! خىزمەتلىرىگە ھازىرمەن دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئى مۇئاز بىن جەبەل!» دېدى، مۇئاز: خوش ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! خىزمەتلىرىگە ھازىرمەن دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ سۆزنى ئۈچ قېتىم تەكرارلاپ مۇنداق دېدى:«ھەر قانداق بىر كىشى ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ چىن دىلىدىن گۇۋاھلىق بەرسە ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى دوزاخقا سالمايدۇ» مۇئاز: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! بۇ سۆزنى كىشىلەرگە خەۋەر قىلىپ خۇش بىشارەت بىرەيمۇ؟ دېگەن ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«ئۇ ۋاقىتتا ئۇلار بۇ سۆزگە تايىنىۋالىدۇ ھازىر خەۋەر بەرمىگىن »دېدى. مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋاپات بولىدىغان ۋاقىتتا ئىلىمنى يوشۇرغاننىڭ گۇناھى بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن بۇ ھەدىسنى بايان قىلىپ بەرگەن.بىرلىككە كەلگەن
مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە "ئۇفەير" دېيىلىدىغان ئېشەككە مىنگەشتىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئى مۇئاز! ئاللاھنىڭ بەندىلەر ئۈستىدىكى ۋە بەندىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ ئۈستىدىكى ھەققىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟» دېدى، مەن: ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بىلگۈچىدۇر دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھنىڭ بەندىلەر ئۈستىدىكى ھەققى: ئۇلار ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەي ئىبادەت قىلىش، بەندىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ ئۈستىدىكى ھەققى: ئۆزىگە شېرىك كەلتۈرمىگەن كىشىنى ئازابلىماسلىقتۇر» دېدى، مەن: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! بۇنىڭ بىلەن كىشىلەرگە خۇشخەۋەر بىرەيمۇ؟ دېسەم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئۇلارغا ھازىر خۇشخەۋەر بەرمىگىن، ئۇلار بۇ سۆزگە تايىنىۋالىدۇ» دېدى.بىرلىككە كەلگەن
جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كىلىپ: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! كىشىلەرنىڭ جەننەتكە ياكى دوزاخقا كېرىشىنى ۋاجىپ قىلىدىغان ئىككى خىسلەت قايسى؟ دەپ سورىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ تائالاغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەي ۋاپات بولغان كىشى جەننەتكە كېردى، ئاللاھ تائالاغا بىر نەرسىنى شېرىك كەلتۈرۈپ ۋاپات بولغان كىشى دوزاخقا كېردى»دېدى.مۇسلىم رىۋايىتى