ئەقىدە ئىلمى
مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ:
متاح بـ 71 لغة
«مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە "ئۇفەير" دېيىلىدىغان ئېشەككە مىنگەشتىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئى مۇئاز! ئاللاھنىڭ بەندىلەر ئۈستىدىكى ۋە بەندىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ ئۈستىدىكى ھەققىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟» دېدى، مەن: ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بىلگۈچىدۇر دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھنىڭ بەندىلەر ئۈستىدىكى ھەققى: ئۇلار ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەي ئىبادەت قىلىش، بەندىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ ئۈستىدىكى ھەققى: ئۆزىگە شېرىك كەلتۈرمىگەن كىشىنى ئازابلىماسلىقتۇر» دېدى، مەن: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! بۇنىڭ بىلەن كىشىلەرگە خۇشخەۋەر بىرەيمۇ؟ دېسەم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئۇلارغا ھازىر خۇشخەۋەر بەرمىگىن، ئۇلار بۇ سۆزگە تايىنىۋالىدۇ» دېدى.»ترجمة بالمعنى ·
ستُحفظ الصورة بجودتها الأصلية








