حديث للعالم
ناماز

ئىمام ۋە جامائەتكە ئالاقىدار ھۆكۈملەر

4 حديث

4 حديث

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: سەپلىرىڭلارنى رۇسلاڭلار، چۈنكى سەپلەرنى رۇسلاش نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلىشنىڭ جۈملىسىدىندۇرھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: سىلەرنىڭ بىرىڭلار قورقمامدۇ؟! ياكى سىلەرنىڭ بىرىڭلار بېشىنى ئىمامدىن بۇرۇن كۆتەرسە ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ بېشىنى ئېشەكنىڭ بىشىغا ئۆزگەرتىۋېتىشىدىن ياكى سۈرىتىنى ئېشەكنىڭ سۈرىتىگە ئايلاندۇرىۋېتىشىدىن قورقمامدۇ؟».بىرلىككە كەلگەن
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تۇتاشقان ھەدىس: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىنمۇ بەك نامازنى تولۇق ۋە يەڭگىل ئوقۇيدىغان بىر كىشىنىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇمىدىم»ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئىمام ئۇنىڭغا ئەگىشىش ئۈچۈن تەيىنلىنىدۇ، ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلماڭلار. ئەگەر ئۇ ئاللاھۇ ئەكبەر، دېسە، بىللە دەڭلار. ئەگەر رۇكۇ قىلسا، بىللە قىلىڭلار. ئەگەر سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدە دېسە، سىلەر: رەببەنا ۋە لەكەلھەمدۇ، دەڭلار. ئەگەر سەجدە قىلسا، بىللە قىلىڭلار! ئەگەر ئۇ نامازنى ئولتۇرۇپ ئوقۇپ ئىمام بولسا، سىلەر ھەممىڭلار ئولتۇرۇپ ئوقۇڭلارھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان