حديث للعالم
اضغط على الصورة لعرضها بالحجم الكامل
پىقھى ۋە ئۇنىڭ ئۇسۇل قائىدىلىرى

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:

متاح بـ 60 لغة
«ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دۇئا قىلاتتى:«ئى ئاللاھ! مەن سىلىگە سېغىنىپ قەبىر ئازابىدىن، دوزاخ ئازابىدىن، ھاياتلىقنىڭ ۋە ماماتلىقنىڭ پىتنىسىدىن، مەسىھ دەججالنىڭ پىتنىسىدىن پاناھلىق تېلەيمەن». مۇسلىمنىڭ لەپزىدە:« سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئاخىرقى تەشەھھۇتنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئاللاھ تائالاغا سېغىنىپ تۆت تۈرلۈك ئىشتىن پاناھلىق تېلىسۇن: جەھەننەم ئازابىدىن، قەبىر ئازابىدىن، ھاياتلىق ۋە ماماتلىقنىڭ پىتنىسىدىن، مەسىھ دەججالنىڭ يامانلىقىدىن پاناھلىق تېلەيمەن»دەپ كەلگەن.»

ترجمة بالمعنى ·

شرح الحديث

خلاصة المعنى بعبارة ميسّرة

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام نامازدا ئاخىرقى تەشەھھۇتتىن كېيىن سالام بېرىشتىن بۇرۇن ئاللاھ تائالاغا سېغىنىپ تۆت تۈرلۈك ئىشتىن پاناھلىق تېلەيتتى. بىرىنچىسى: قەبىر ئازابى. ئىككىنچىسى: قىيامەت كۈنى بولىدىغان دوزاخ ئازابى. ئۈچىنچىسى: ھاياتلىقنىڭ پىتنىسى، دۇنيانىڭ ھارام بولغان شەھۋەتلىرى، ئازدۇرغۇچى شۈبھاتلىرى، ئۆلگەندىن كېيىنكى پىتنىلەر: سەكراتقا چۈشكەندە ئىسلامدىن تېيىلىپ كېتىش، سۈننەتنى تەرك ئېتىش، ئىككى پەرىشتىنىڭ سوئال سورىغىنىغا ئوخشاش قەبرىنىڭ پىتنىسىدىن پاناھلىق تېلەيتتى. تۆتىنچى: ئاخىر زاماندا چىقىدىغان مەسىھ دەججالنىڭ پىتنىسىدىن، ئۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنى سىنايدۇ، ئۇنى ئايرىم زىكىر قىلىشى، ئۇنىڭ پىتنىسىنىڭ كاتتا بولغانلىقى ۋە ئازدۇرىشىنىڭ كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈندۇر.

المصدر
بىرلىككە كەلگەن
تحميل الصورة

ستُحفظ الصورة بجودتها الأصلية