حديث للعالم
اضغط على الصورة لعرضها بالحجم الكامل
ئەقىدە ئىلمى

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:

متاح بـ 60 لغة
«ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى توغرا يولغا چاقىرىدىكەن ئۇ كىشىگە توغرا يولغا ئەگەشكەنلەرنىڭ ئەجىر-ساۋابى بېرىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەجىر-ساۋاپلىرىدىن ھېچ نەرسە كېمەيتىلمەيدۇ. كىمكى ئازغۇنلۇققا چاقىرىدىكەن، ئۇ كىشىگە ئازغۇنلۇققا ئەگەشكەنلەرنىڭ گۇناھى يېزىلىدۇ، ئۇلارنىڭ گۇناھىدىن ھېچ نەرسە كېمەيتىلمەيدۇ».»

ترجمة بالمعنى ·

شرح الحديث

خلاصة المعنى بعبارة ميسّرة

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىشىلەرنى سۆزى ۋە ئەمەلى ھەرىكىتى بىلەن توغرا يولغا باشلىغان، ھەق يولغا قىزىقتۇرغان ۋە ياخشىلىققا يېتەكلىگەن كىشىگە، توغرا يولغا ئەگەشكەنلەرنىڭ ئەجىر-ساۋابى بېرىلىدىغانلىقى، شۇنداقلا ئەگەشكەنلەرنىڭ ئەجىر-ساۋابىدىن ھېچ نەرسە كېمەيتىلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى. كىمكى كىشىلەرنى سۆزى ياكى ئەمەلى ھەرىكىتى ئارقىلىق باتىلغا، يامانلىققا، گۇناھ-مەسىيەتكە، خاتالىققا ياكى ھالال بولمىغان ئىشلارغا باشلاپ قويىدىكەن، ئۇ كىشىگە يامانلىققا ئەگەشكەن بارلىق كىشىلەرنىڭ خاتالىقى يېزىلىدۇ، ئۇلارنىڭ خاتالىقىدىن ھېچ نەرسە كېمەيتىلمەيدۇ.

المصدر
مۇسلىم رىۋايىتى
كلمات مفتاحية
ئەقىدە ئىلمىبىدئەت
تحميل الصورة

ستُحفظ الصورة بجودتها الأصلية