حديث للعالم
اضغط على الصورة لعرضها بالحجم الكامل
ئەقىدە ئىلمى

مەھمۇد بىن لەبىيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:

متاح بـ 62 لغة
«مەھمۇد بىن لەبىيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەن سىلەر ئۈچۈن ھەممىدىن بەكرەك ئەنسىرەيدىغان نەرسەم كېچىك شېرىك»، ساھابىلار: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! كېچىك شېرىك دېگەن نېمە؟دېۋىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «رىيا ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى ئىنسانلارنى قىلغان ئەمەللىرى بىلەن جازا-مۇكاپاتلىغاندا، :سىلەر دۇنيادا ماڭا شېرىك قىلغان شېرىكلىرىڭلارنىڭ يېنىغا بېرىڭلار، ئۇلاردىن بىرەر مۇكاپات تاپالامسىلەر قاراپ بىقىڭلار؟ دەيدۇ».»

ترجمة بالمعنى ·

شرح الحديث

خلاصة المعنى بعبارة ميسّرة

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۈممىتى ئۈچۈن ھەممىدىن بەك ئەنسىرەيدىغان ئىشنىڭ كېچىك شېرىك ئىكەنلىكىنى، ئۇ بولسىمۇ كىشىلەر بىر-بىرىگە كۆز-كۆز قىلىپ قىلىدىغان رىيا ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بېرىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن قىيامەت كۈنىدە رىيا قىلغۇچىلار ئۇچرايدىغان ئازاب-ئوقۇبەتتىن خەۋەر بېرىپ ئۇلارغا مۇنداق دېيىلىدۇ:«سىلەر دۇنيادا ئەمەلنى كىمنى رازى قىلىش ئۈچۈن قىلغان بولساڭلار شۇنىڭ يېنىغا بېرىڭلار، ئۇلارنىڭ يېنىدا سىلەرنىڭ قىلغان ئەمەللىرىڭلارغا بېرىدىغان ئەجىر-ساۋاپ بارمۇ؟ قاراپ بىقىڭلار» دېيىلىدۇ.

المصدر
ئەھمەد رىۋايىتى
تحميل الصورة

ستُحفظ الصورة بجودتها الأصلية