حديث للعالم
اضغط على الصورة لعرضها بالحجم الكامل
پەزىلەت ۋە ئەدەپ-ئەخلاق

عَنْ أَبِي مُوسَى رَضِيَ اللَّهُ عَنْهُ قَالَ: قَالَ النَّبِيُّ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ:

متاح بـ 54 لغة
«ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئاللاھنى ئەسلەيدىغان كىشى بىلەن ئەسلىمەيدىغان كىشى ئۆلۈك بىلەن تىرىككە ئوخشاش» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى. يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئاللاھ ئەسلەپ تۇرىلىدىغان ئۆي بىلەن ئاللاھ ئەسلەنمەيدىغان ئۆي ئۆلۈك بىلەن تىرىكنىڭ مىسالىغا ئوخشاش» دېيىلگەن»»

ترجمة بالمعنى ·

شرح الحديث

خلاصة المعنى بعبارة ميسّرة

ھەدىسنىڭ مەنىسى: ئاللاھنى ئەسلەيدىغان كىشىنىڭ دىلىنى ئاللاھ ئەسلەش ئارقىلىق ياشنىتىپ، قەلبىنى ئېچىۋېتىدۇ، ئۇ ئاللاھنى كۆپ ئەسلەشنى داۋاملاشتۇرغانلىقى سەۋەبىدىن ھايات كىشىگە ئوخشايدۇ، بۇنىڭ ئەكسىچە، ئاللاھنى كۆپ ئەسلىمەيدىغان كىشى مەۋجۇدىيىتى بولمىغان مېيىتكە ئوخشايدۇ، گەرچە ئۇنىڭ بەدىنى ھايات بولسىمۇ ئۇنىڭ قەلبى ئۆلگەندۇر. ئىنسانلار بۇ مىسالدىن ئىبرەت ئېلىشى ۋە ئاللاھنى ئەسلەشتىن غاپىل بولغانسىرى قەلبى قاتتىقلىشىپ، ھەتتا ئۆلۈپ قالىدىغانلىقىنى بىلىشى كېرەك، ئاللاھ بۇنىڭدىن ساقلىسۇن. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «ئەسلىدە ئۆلۈك (يەنى كاپىر) بولۇپ، بىز ئۇنى (يەنى ئۇنىڭ قەلبىنى ئىمان بىلەن) تىرىلدۈرگەن، بىز ئۇنىڭغا كىشىلەر ئارىسىدا ھىدايەت تېپىشقا نۇر بەرگەن بىر ئادەم زۇلمەتتە (يەنى كۇفرىنىڭ قاراڭغۇلۇقىدا) قالغان ۋە ئۇنىڭدىن قۇتۇلالمىغان بىر ئادەم بىلەن ئوخشاشمۇ؟ كاپىرلارغا ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ئەنە شۇنداق چىرايلىق كۆرسىتىلىدۇ» ئەنئام سۈرىسى 12-ئايەت

المصدر
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
تحميل الصورة

ستُحفظ الصورة بجودتها الأصلية