پىقھى ۋە ئۇنىڭ ئۇسۇل قائىدىلىرى
عَنْ أَبِي سَعِيدٍ الْخُدْرِيِّ رَضيَ اللهُ عنهُ أَنَّ رَسُولَ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ قَالَ:
متاح بـ 47 لغة
«ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئاللاھنىڭ ھەقىقى پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىگە، ئىسلامنىڭ ھەق دىن ئىكەنلىكىگە ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە رازى بولغان بولسا، ئۇ كىشىگە جەننەت ۋاجىپ بولىدۇ». ئەبۇ سەئىد مۇنداق دەيدۇ: مەن بۇ سۆزگە ھەيران قىلىپ: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ماڭا بۇ سۆزنى قايتا دەپ بەرسىلە دەپ تەلەپ قىلدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ سۆزنى قايتا دەپ بېرىپ مۇنداق دېدى: «يەنە بىر ئىش بار ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ بىلەن بەندىنى جەننەتتە يۈز دەرىجە كۆتۈرىدۇ، ئىككى دەرىجىنىڭ ئارىسىدىكى مەرتىۋە ئاسمان-زېمىننىڭ ئارىلىقىدەك كېلىدۇ» دېدى، مەن: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئۇ قايسى ئىش؟ دەپ سورىدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھنىڭ يولىدا قىلغان جىھاد، ئاللاھنىڭ يولىدا قىلغان جىھاد» دەپ جاۋاپ بەردى»ترجمة بالمعنى ·
ستُحفظ الصورة بجودتها الأصلية








