حديث للعالم
جىھاد

جىھادنىڭ پەزىلىتى

11 حديث

11 حديث

فۇزالە ئىبنى ئۇبەيىد، سەلمان ئەلفارىسي ۋە ئۇقبە ئىبنى ئامىرلار پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن: «ھەر قانداق كىشىنىڭ ئەمىلى ئۆلۈم بىلەن ئۈزىلىدۇ، پەقەت ئاللاھ يولىدىكى مۇھاپىزەتچى بۇنىڭ سىرتىدا بولۇپ، ئۇنىڭ ئەمىلى قىيامەت كۈنىگىچە كۆپىيىدۇ ۋە قەبرە ئازابىدىن خاتىرجەم بولىدۇ» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلدىتىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
عَنْ سَهْلِ بْنِ سَعْدٍ السَّاعِدِيِّ رَضِيَ اللَّهُ عَنْهُ أَنَّ رَسُولَ اللَّهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ قَالَ: «رِبَاطُ يَوْمٍ فِي سَبِيلِ اللَّهِ خَيْرٌ مِنَ الدُّنْيَا وَمَا عَلَيْهَا، وَمَوْضِعُ سَوْطِ أَحَدِكُمْ مِنَ الجَنَّةِ خَيْرٌ مِنَ الدُّنْيَا وَمَا عَلَيْهَا، وَالرَّوْحَةُ يَرُوحُهَا العَبْدُ فِي سَبِيلِ اللَّهِ أَوِ الغَدْوَةُ خَيْرٌ مِنَ الدُّنْيَا وَمَا عَلَيْهَا».متفق عليه
ئەبى ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە دەيدىكى: ئاللاھ تائالا يولىدا يارىلانغان ھەر قانداق كىشى، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ يارىسىدىن قان ئاققان ھالدا كېلىدۇ. ئۇ قاننىڭ رەڭگى قان رەڭ، ئەمما پۇرىقى ئەنبەر پۇرايدۇھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
زەيد ئىبنى خالىد ئەلجۇھەنى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: كىمكى ئاللاھ يولىدا غازات قىلغۇچىنى جابدۇپ قويسا، ئۇ كىشى غازات قىلغۇچىغا ئوخشاش ساۋابقا ئېرىشىدۇ. كىمكى غازات قىلغۇچىنىڭ ئائىلىسىگە ياردەم بېرىش ۋە ئەھۋالىدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن قالسا، ئۇ كىشى غازات قىلغۇچىغا ئوخشاش ساۋابقا ئېرىشىدۇھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمىر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئاللاھ شېھىتنىڭ قەرزىدىن باشقا ھەممە گۇناھىنى كەچۈرىۋېتىدۇ» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى. يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئاللاھنىڭ يولىدا ئۆلتۈرۈلۈش، قەرىزدىن باشقا ھەممە گۇناھلارنى ئۆچۈرىدۇ» دېيىلگەنئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ئاللاھتىن قورقۇپ يىغلىغان كىشى سۈت ئەمچەككە قايتقانغا قەدەر دوزاخقا كىرمەيدۇ. ئاللاھ يولىدا قوزغالغان چاڭ-توزاڭ بىلەن جەھەننەمنىڭ تۈتۈنى جەم بولمايدۇ. يەنى ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغان كىشى جەھەننەمگە كىرمەيدۇتىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - نىسائىي"سۇنەن نىسائىي"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «شەھىد ئۆلتۈرۈلگەن ۋاقىتتا پەقەت چۆمۈلە چاققانچىلىكلا ئاغرىق ھېس قىلىدۇ» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندىئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - نىسائىي"سۇنەن نىسائىي"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - دارىمى"سۈنەن دارىمىي"ناملىق ئ
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى!، ئاللاھنىڭ يولىدىكى جىھادقا قايسى ئەمەل تەڭ كىلەلەيدۇ؟» دەپ سورالدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سىلەر ئۇنى قىلالمايسىلەر»دېدى، سورىغۇچىلار ئۇنى ئىككى ياكى ئۈچ قېتىم تەكرارلىسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر قېتىمدا: «سىلەر قىلالمايسىلەر» دەپ جاۋاپ بەردى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىيىن: «ئاللاھنىڭ يولىدا جىھادقا چىققۇچى تاكى جىھادتىن قايتىپ كەلگۈچە: بوشاشماي روزا تۇتۇپ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى بىلەن نامازغا تۇرغۇچىغا ئوخشاش بولىدۇ» دېدى. بۇخارىنىڭ رىۋايىتىدە: بىر كىشى: «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى!، مىنى جىھادقا تەڭ كېلىدىغان بىر ئەمەلگە باشلىغىن» دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسلام: «تاپالمايمەن» دېدى، كىيىن: «مۇجاھىد جىھادقا چىقىپ كەتكەن چاغدا سەن مەسچىتكە كېرىپ توختىماي ناماز ئوقۇپ، بىر كۈنمۇ تاشلىماي روزا تۇتالامسەن؟» دېدى، ئۇ: «بۇنى كىم قىلالىسۇن؟» دېدى، دېيىلگەنبۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئاللاھنىڭ ھەقىقى پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىگە، ئىسلامنىڭ ھەق دىن ئىكەنلىكىگە ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە رازى بولغان بولسا، ئۇ كىشىگە جەننەت ۋاجىپ بولىدۇ». ئەبۇ سەئىد مۇنداق دەيدۇ: مەن بۇ سۆزگە ھەيران قىلىپ: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ماڭا بۇ سۆزنى قايتا دەپ بەرسىلە دەپ تەلەپ قىلدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ سۆزنى قايتا دەپ بېرىپ مۇنداق دېدى: «يەنە بىر ئىش بار ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ بىلەن بەندىنى جەننەتتە يۈز دەرىجە كۆتۈرىدۇ، ئىككى دەرىجىنىڭ ئارىسىدىكى مەرتىۋە ئاسمان-زېمىننىڭ ئارىلىقىدەك كېلىدۇ» دېدى، مەن: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئۇ قايسى ئىش؟ دەپ سورىدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھنىڭ يولىدا قىلغان جىھاد، ئاللاھنىڭ يولىدا قىلغان جىھاد» دەپ جاۋاپ بەردىئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئاۋۋالقى ئون كۈنىدە قىلىنغان ياخشى ئەمەللەردىنمۇ بەكرەك ئاللاھقا ياخشى كۆرۈلىدىغان ئەمەل يوقتۇر، ساھابىلار: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشتىنمۇ ئەۋزەلمۇ؟ دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشتىنمۇ ئەۋزەل، لېكىن بىر كىشى ئۆزىنىڭ جېنى بىلەن ۋە مېلى بىلەن ئاللاھ يولىدا چىقىپ قايتمىغان بولسا بۇنىڭ ساۋابى ئارتۇق بولىدۇ ئەلۋەتتە،» دېدى.بۇخارى ۋە ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى، ھەدىسنىڭ لەۋزى ئەبۇ داۋۇدقا مەنسۇپ
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «كىم غازات قىلماي ۋە غازاتنى كۆڭلىگە كەلتۈرمەي ئۆلسە مۇناپىقلىقدىن بىر سۈپەتتە ئۆلىدۇ»ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان