پىقھى ۋە ئۇنىڭ ئۇسۇل قائىدىلىرى
متاح بـ 17 لغة
«ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى!، ئاللاھنىڭ يولىدىكى جىھادقا قايسى ئەمەل تەڭ كىلەلەيدۇ؟» دەپ سورالدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سىلەر ئۇنى قىلالمايسىلەر»دېدى، سورىغۇچىلار ئۇنى ئىككى ياكى ئۈچ قېتىم تەكرارلىسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر قېتىمدا: «سىلەر قىلالمايسىلەر» دەپ جاۋاپ بەردى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىيىن: «ئاللاھنىڭ يولىدا جىھادقا چىققۇچى تاكى جىھادتىن قايتىپ كەلگۈچە: بوشاشماي روزا تۇتۇپ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى بىلەن نامازغا تۇرغۇچىغا ئوخشاش بولىدۇ» دېدى. بۇخارىنىڭ رىۋايىتىدە: بىر كىشى: «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى!، مىنى جىھادقا تەڭ كېلىدىغان بىر ئەمەلگە باشلىغىن» دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسلام: «تاپالمايمەن» دېدى، كىيىن: «مۇجاھىد جىھادقا چىقىپ كەتكەن چاغدا سەن مەسچىتكە كېرىپ توختىماي ناماز ئوقۇپ، بىر كۈنمۇ تاشلىماي روزا تۇتالامسەن؟» دېدى، ئۇ: «بۇنى كىم قىلالىسۇن؟» دېدى، دېيىلگەن»ترجمة بالمعنى ·
ستُحفظ الصورة بجودتها الأصلية








