حديث للعالم
اضغط على الصورة لعرضها بالحجم الكامل
ئەقىدە ئىلمى

عَنْ ابْنِ عَبَّاسٍ رَضِيَ اللَّهُ عَنْهُمَا أَنَّ رَسُولَ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ قَالَ:

متاح بـ 60 لغة
«ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالا مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ خاتالىق ۋە ئۇنتۇپ قالغانلىق ياكى مەجبۇرلانغانلىق سەۋەبلىرىدىن يۈزبەرگەن گۇناھلىرىنى ئەپۇ قىلىۋەتتى»»

ترجمة بالمعنى ·

شرح الحديث

خلاصة المعنى بعبارة ميسّرة

ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئۈممەتكە قىلغان ياخشىلىقىنىڭ جۈملىسىدىن: ئۇلارنىڭ قەستەن قىلماستىن، خاتالىق بىلەن سادىر بولغان گۇناھ-مەسىيەتلىرىنى ئەپۇ قىلىۋەتتى، ئۇنتۇلۇپ قىلىپ پەرز ئەمەللەرنى ئادا قىلالمىغان ياكى چەكلەنگەن ئىشلارنى سادىر قىلغان بولسا، بۇنىمۇ ئەپۇ قىلىۋەتتى لېكىن قىلالمىغان پەرز ئەمەللىرىنى ئىسىگە كەلگەندە دەرھال ئادا قىلىشى كېرەك بولىدۇ، گۇناھ-مەسىيەت ۋە جىنايەتلەردىن مەجبۇرى قىلىنغانلىرى بولسا بۇنىمۇ ئەپۇ قىلىۋەتتى. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «وَمَا جَعَلَ عَلَيْكُمْ فِي الدِّينِ مِنْ حَرَجٍ»تەرجىمىسى:«سىلەرگە دىندا ھېچقانداق مۈشكۈللۈكنى قىلمىدى (سىلەرنى سىلەر تاقەت قىلالمايدىغان ئىشلارنى قىلىشقا تەكلىپ قىلمىدى).»ھەج سۈرىسى 78-ئايەت

المصدر
ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
تحميل الصورة

ستُحفظ الصورة بجودتها الأصلية