حديث للعالم
اضغط على الصورة لعرضها بالحجم الكامل
پەزىلەت ۋە ئەدەپ-ئەخلاق

نۇمان بىن بەشىير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان:

متاح بـ 69 لغة
«نۇمان بىن بەشىير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «دۇئا ئىبادەتتۇر» ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئايەتنى ئوقۇدى: ﴿وَقَالَ رَبُّكُمُ ادْعُونِي أَسْتَجِبْ لَكُمْ إِنَّ الَّذِينَ يَسْتَكْبِرُونَ عَنْ عِبَادَتِي سَيَدْخُلُونَ جَهَنَّمَ دَاخِرِينَ﴾‏ تەرجىمىسى: «(دۇئايىڭلارنى) قوبۇل قىلىمەن (تىلىگىنىڭلارنى بېرىمەن)، شۈبھىسىزكى، مېنىڭ ئىبادىتىمدىن چوڭچىلىق قىلىپ باش تارتىدىغانلار خار ھالدا جەھەننەمگە كىرىدۇ» [سۈرە غاپىر 60-ئايەت].»

ترجمة بالمعنى ·

شرح الحديث

خلاصة المعنى بعبارة ميسّرة

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دۇئانىڭ ئىبادەت ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بەردى. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قانداق دۇئانى تەلەپ بولسۇن ياكى بىر نەرسە سوراش بولسۇن خالىس ئاللاھ ئۈچۈن قىلىش، ئاللاھ تائالادىن دۇنيا-ئاخىرەتتە پايدىلىق بولغان نەرسىلەرنى سوراش، زىيانلىق بولغان نەرسىلەردىن ساقلىنىشنى تىلەش كېرەك. دۇئا ئىبادەت بولغان ئىكەن، ئۇ ئاللاھ تائالا ياخشى كۆرىدىغان ۋە رازى بولىدىغان سۆز-ھەرىكەتلەردىن ئاشكارا-يوشۇرۇن بولسۇن، قەلبى ئىبادەت ياكى بەدەنى ئىبادەت بولسۇن ياكى مالىي ئىبادەت بولسۇن ھەممىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇنىڭغا ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايىتىنى دەلىل قىلدى، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَقَالَ رَبُّكُمُ ادْعُونِي أَسْتَجِبْ لَكُمْ ۚ إِنَّ الَّذِينَ يَسْتَكْبِرُونَ عَنْ عِبَادَتِي سَيَدْخُلُونَ جَهَنَّمَ دَاخِرِينَ﴾‏ تەرجىمىسى: «(دۇئايىڭلارنى) قوبۇل قىلىمەن (تىلىگىنىڭلارنى بېرىمەن)، شۈبھىسىزكى، مېنىڭ ئىبادىتىمدىن چوڭچىلىق قىلىپ باش تارتىدىغانلار خار ھالدا جەھەننەمگە كىرىدۇ».

المصدر
ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى، ئىبنى ماجە ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان
تحميل الصورة

ستُحفظ الصورة بجودتها الأصلية