حديث للعالم
اضغط على الصورة لعرضها بالحجم الكامل
ئەقىدە ئىلمى

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:

متاح بـ 65 لغة
«ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىمان يەتمىش نەچچە ياكى ئاتمىش نەچچە شاخچىدۇر، ئۇنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى: ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ئىلاھ يوق دېگەن سۆزدۇر، ئۇنىڭ ئەڭ ئاددىسى: يولدىن كىشىلەرگە ئەزىيەت يەتكۈزىدىغان نەرسىلەرنى ئېلىۋېتىشتۇر، ھايامۇ ئىماننىڭ بىر شاخچىسىدۇر».»

ترجمة بالمعنى ·

شرح الحديث

خلاصة المعنى بعبارة ميسّرة

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىماننىڭ نۇرغۇن شاخچا ۋە كۆپ خىسلەتلەرنى ئۆز ئېچىگە ئالىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئەمەللەرنى، سۆزلەرنى ۋە ئېتىقادلارنىمۇ ئۆز ئېچىگە ئالىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى. ئىماننىڭ ئەڭ يۇقىرى ۋە ئەڭ ئەۋزەل بولغىنى :«ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ئىلاھ يوق دېگەن سۆزدۇر» ئۇنىڭ مەنىسىنى بىلىپ تەقەززاسى بويىنچە ئەمەل قىلىشتۇر، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا بارلىق ئىبادەتلەرگە ھەقلىق بولغان يەككە-يىگانە بىر ئىلاھتۇر. ئىماننىڭ ئەڭ ئاددىسى: يولدىن كىشىلەرگە ئەزىيەت يەتكۈزىدىغان ھەر قانداق نەرسىنى ئېلىۋېتىشتۇر. ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھايانىڭ ئىماننىڭ بىر پارچىسىى ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بەردى، چۈنكى ھايا دېگەن ئىنساننى گۈزەل ئىشلارنى قىلىشقا ۋە قەبىھ ئىشلارنى تەرك قىلىشقا ھەرىكەتلەندۈرىدۇ.

المصدر
بىرلىككە كەلگەن
تحميل الصورة

ستُحفظ الصورة بجودتها الأصلية