حديث للعالم
ئىسىملەر ۋە ھۆكۈملەر

ئىماننىڭ كەم-زىيادە بولىشى

5 حديث

5 حديث

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىمان يەتمىش نەچچە ياكى ئاتمىش نەچچە شاخچىدۇر، ئۇنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى: ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ئىلاھ يوق دېگەن سۆزدۇر، ئۇنىڭ ئەڭ ئاددىسى: يولدىن كىشىلەرگە ئەزىيەت يەتكۈزىدىغان نەرسىلەرنى ئېلىۋېتىشتۇر، ھايامۇ ئىماننىڭ بىر شاخچىسىدۇر».بىرلىككە كەلگەن
ئابدۇللاھ بىن ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلمان دېگەن: مۇسۇلمانلار ئۇنىڭ تىل ۋە قولىدىن كىلىدىغان ئەزىيەتلەردىن سالامەت قالغان كىشىدۇر. مۇھاجىر دېگەن: ئاللاھ تائالا چەكلىگەن ئىشلارنى تەرك قىلغان كىشىدۇر».بىرلىككە كەلگەن
ئەبۇ سەئىد خۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە ئۇ كىشى مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم دەيدۇ: «سىلەردىن بىرىڭلار بىر يامانلىقنى كۆرسە ئۇنى قولى بىلەن ئۆزگەرتسۇن، ئەگەر ئۇنىڭغا قادىر بولالمىسا، تىلى بىلەن ئۆزگەرتسۇن، ئۇنىڭغىمۇ قادىر بولالمىسا قەلبى بىلەن بولسىمۇ نارازى بولسۇن، قەلبى بىلەن نارازى بولۇش بولسا ئىماننىڭ ئەڭ ئاجىز ئىپادىسىدۇر»مۇسلىم رىۋايىتى
عَنْ أَنَسِ بْنِ مَالِكٍ رَضِيَ اللَّهُ عَنْهُ، عَنِ النَّبِيِّ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ قَالَ: "ثَلاَثٌ مَنْ كُنَّ فِيهِ وَجَدَ حَلاَوَةَ الإِيمَانِ: أَنْ يَكُونَ اللَّهُ وَرَسُولُهُ أَحَبَّ إِلَيْهِ مِمَّا سِوَاهُمَا، وَأَنْ يُحِبَّ المَرْءَ لاَ يُحِبُّهُ إِلَّا لِلَّهِ، وَأَنْ يَكْرَهَ أَنْ يَعُودَ فِي الكُفْرِ كَمَا يَكْرَهُ أَنْ يُقْذَفَ فِي النَّارِ".متفق عليه
عَنِ الْعَبَّاسِ بْنِ عَبْدِ الْمُطَّلِبِ رضي الله عنه أَنَّهُ سَمِعَ رَسُولَ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ، يَقُولُ: «ذَاقَ طَعْمَ الْإِيمَانِ مَنْ رَضِيَ بِاللهِ رَبًّا، وَبِالْإِسْلَامِ دِينًا، وَبِمُحَمَّدٍ رَسُولًا».رواه مسلم