حديث للعالم
بەلگىلىمىلەر(جازا قانۇنى)

ئوغۇرلۇقنىڭ جازاسى

3 حديث

3 حديث

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق رىۋايەت قىلغان: بەنى مەخزۇم ئايمىقىدىن بولغان بىر ئايالنىڭ ئۆتكۈزگەن ئوغرىلىق جىنايىتى قۇرەيش قەبىلىسىنىڭ بېشىنى قاتۇردى. ئۇلار بىر-بىرىگە كىم بۇ ئايالنى ئەپۇ قىلىش ئۈچۈن پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئېغىز ئاچىدۇ؟ دېيىشتى ۋە بۇ ئىشقا پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تولىمۇ ياخشى كۆرىدىغان ئۇسامە ئىبنى زەيد لايىق دېدى. ئۇسامە ئىبنى زەيد پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە بۇ ئىش ھەققىدە ئېغىز ئاچقان ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: سەن ئاللاھ بېكىتكەن جازانىڭ ئىجرا قىلىنماسلىقى ئۈچۈن شاپائەت قىلغىلى كەلدىڭمۇ؟! دەپ ئۇنىڭغا كايىدى. ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ، جامائەتكە خىتاب قىلىپ: سىلەردىن بۇرۇنقى ئۈممەتلەرنىڭ ھالاكىتىگىمۇ مۇشۇنداق ئىشلار سەۋەب بولغانىدى، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرەر ئېسىلزادە ئوغرىلىق قىلسا، ئۇ جازاغا تارتىلمايتتى. ئادەتتىكى بىرەر بىچارە ئوغرىلىق قىلسا، ئۇ دەرھال جازاغا تارتىلاتتى. ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ئەگەر قىزىم فاتىمە ئوغرىلىق قىلىپ قالسا، ئۇنىڭمۇ قولىنى كېسىمەن، دېدى. يەنە بىر ئىبارىدە: ئۇ ئايال كىشىلەردىن بىرەر نەرسە ئارىيەت ئالسا ئۇنىڭغا تېنىۋالاتتى، شۇنىڭ ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭ قولىنى كېسىشكە بۇيرىغان، دېگەنھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: چارەك دىنار ئالتۇن ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ بولغىنى ئۈچۈن قول كېسىلىدۇھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
عن أبي هريرة عن النبي صلى الله عليه وسلم قال: «لعن الله السارق، يسرق البَيْضَةَ فَتُقْطَعُ يده، ويسرِقُ الحَبْلَ فَتُقْطَعُ يَدُهُ».متفق عليه