حديث للعالم
الموضوع

ئەقىدە ئىلمى

135 حديث

135 حديث

عن أبي موسى رضي الله عنه قال: سَمَّى لنا رسولُ الله صلى الله عليه وسلم نفْسَه أسْماءً منها ما حَفِظْنا فقال: «أنا محمد، وأحمد، والمُقَفِّي، والحاشِر، ونبي الرَّحمة، قال يزيد: ونبِيُّ التوبة ونَبِيُّ المَلْحَمة».رواه مسلم وأحمد
عن أنس بن مالك رضي الله عنه أن النبي صلى الله عليه وسلم رأى نُخْامَة في القِبْلَة، فَشَقَّ ذلك عليه حتى رُئِي في وجْهِه، فقام فَحَكَّه بِيَده، فقال: «إن أحدكم إذا قام في صلاته فإنه يُنَاجِي رَبَّه، أو إن رَبَّه بينه وبين القِبْلَة، فلا يَبْزُقَنَّ أحدُكم قِبَل قِبْلتِه، ولكن عن يَسَاره أو تحت قَدَمَيه» ثم أخذ طَرف رِدَائِه، فَبَصَقَ فيه ثم ردَّ بَعْضَهُ على بعض، فقال: «أو يفعل هكذا».متفق عليه
مۇئ‍مىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: ئۇممۇ سەلەمە ھەبەشىستاندا كۆرگەن مارىيە ئىسىملىك بىر چېركاۋنى تىلغا ئېلىپ ئۇ چېركاۋدا ئۆزى كۆرگەن سۈرەتلەرنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە تەسۋىرلەپ بېرىۋىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:« ئۇلار ئۆز ئىچىدە بىر سالىھ بەندە ئۆلۈپ كەتسە ئۇنىڭ قەبرىسىگە مەسچىت بىنا قىلىپ ئۇنىڭ سۈرىتىنى سىلەر كۆرگەن ئاشۇ سۈرەتلەردەك مەسچىتكە چۈشۈرۈپ قوياتتى، ئەنە شۇلار قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ نەزىرىدە مەخلۇقلارنىڭ ئەڭ ناچارلىرىدۇربىرلىككە كەلگەن
عَنْ أَبِي سَعِيدٍ الخُدْرِيِّ رَضِيَ اللَّهُ عَنْهُ قَالَ: قَالَ النَّبِيُّ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ: «لاَ تَسُبُّوا أَصْحَابِي، فَلَوْ أَنَّ أَحَدَكُمْ أَنْفَقَ مِثْلَ أُحُدٍ ذَهَبًا مَا بَلَغَ مُدَّ أَحَدِهِمْ، وَلاَ نَصِيفَهُ».متفق عليه
عن المسور بن مخرمة رضي الله عنهما مرفوعًا: «فاطمة بَضْعة مني، فمَن أغضبها أغضبني».متفق عليه
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: «كىمكى ھەسەن بىلەن ھۈسەيننى ياخشى كۆرسە، مېنى ياخشى كۆرگەن بولدى، ئۇ ئىككىسىنى ئۆچ كۆرگەن كىشى مېنى ئۆچ كۆرگەن بولدى»ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
عن أبي هريرة رضي الله عنه ، قال: قال رسول الله صلى الله عليه وسلم : «خيرُكم خيركم لأهلي مِن بعدي». قال: فباع عبد الرحمن بن عوف حديقةً بأربع مائة ألف، فقسَّمها في أزواج النبي صلى الله عليه وسلم .رواه ابن أبي عاصم والحاكم
عن أبي موسى رضي الله عنه قال: قال رسول الله صلى الله عليه وسلم : «كَمُل من الرجال كثير، ولم يَكمُل من النساء: إلا آسية امرأة فرعون، ومريم بنت عِمران، وإنَّ فضلَ عائشة على النساء كفضل الثَّرِيد على سائر الطعام».متفق عليه
عن عبد الرحمن بن أبي عميرة وكان من أصحاب رسول الله صلى الله عليه وسلم عن النبي صلى الله عليه وسلم أنه قال لمعاوية: «اللهم اجعله هاديًا مَهْديًّا واهدِ به».رواه الترمذي وأحمد
ئەبۇ ئىززتۇل ھۈزەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئاللاھ تائالا بىر بەندىسىنى مەلۇم بىر زېمىندا ۋاپات تاپقۇزۇشنى مەقسەت قىلسا، ئۇنىڭ ئۈچۈن شۇ زېمىندا بىر ئېھتىياجىنى قېلىدۇتىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد تەيالىسىي"مۇسنەد ئەبى داۋۇد تەيالىسى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: سىلەرنىڭ بىرىڭلار ۋاپات بولغاندا ئۇنىڭغا ئەتىگەن-كەچلەردە ئۇنىڭ ئورنى كۆرسىتىلىپ تۇرىدۇ. ئەگەر جەننەت ئەھلىدىن بولسا، جەننەتتىكى ئورنى، دوزاخ ئەھلىدىن بولسا دوزاختىكى ئورنى كۆرسىتىلىپ، ئۇنىڭغا: بۇ، قىيامەت كۈنىدە ئاللاھ تائالا سېنى تىرىلدۈرگەن ۋاقىتتىكى سېنىڭ بارىدىغان ئورنۇڭ دېيىلىدۇھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
ئۇسامە ئىبنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەدىنىنىڭ قورغانلىرىدىن بىر قورغاننىڭ ئۈستىگە چىقىپ ئەتراپقا قاراپ، ساھابىلارغا: «مەن كۆرگەننى كۆرەلەمسىلەر؟»دېدى، ساھابىلار: ياق دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «سىلەرنىڭ ئۆيۈڭلارنىڭ ئارىسىغا چۈشكەن پىتنىنى خۇددى يامغۇر تامچىسىنىڭ چۈشكەنلىكىنى كۆرگەندەك كۆرۈۋاتىمەن»دېدى»ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
عن أبي هريرة رضي الله عنه أن رسول الله صلى الله عليه وسلم قال: «إن لله تِسْعَةً، وتِسْعِينَ، اسْمًا، مِائَةً إلا واحدا مَنْ أَحْصَاهَا دخل الجنة».متفق عليه
ئابدۇللاھ بىن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىسلام بەش ئاساسنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان: ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىش، نامازنى بەرپا قىلىش، زاكات بېرىش، ھەج قىلىش ۋە رامىزان روزىسىنى تۇتىشتىن ئىبارەت».بىرلىككە كەلگەن
ئەبۇ سەئىد خۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە ئۇ كىشى مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم دەيدۇ: «سىلەردىن بىرىڭلار بىر يامانلىقنى كۆرسە ئۇنى قولى بىلەن ئۆزگەرتسۇن، ئەگەر ئۇنىڭغا قادىر بولالمىسا، تىلى بىلەن ئۆزگەرتسۇن، ئۇنىڭغىمۇ قادىر بولالمىسا قەلبى بىلەن بولسىمۇ نارازى بولسۇن، قەلبى بىلەن نارازى بولۇش بولسا ئىماننىڭ ئەڭ ئاجىز ئىپادىسىدۇر»مۇسلىم رىۋايىتى
ئەبى مالىك ئەشئەرى رەزىيەللاھۇئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: پاكلىق ئىماننىڭ بىر قىسمىدۇر، ئەلھەمدۇلىللاھ مىزاننى توشقۇزىدۇ، سۇبھانە ئاللاھ ۋە ئەلھەمدۇ لىللاھ بۇ ئىككى كەلىمە ئاسمان بىلەن زېمىن ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى توشقۇزىدۇ، ناماز نۇردۇر، سەدىقە ھۆججەتتۇر، سەبىر يورۇقلۇقتۇر، قۇرئان سىزنىڭ پايدىڭىز ياكى زېيىنىڭىزغا ھۆججەتتۇر، ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى ئەتتىگەندە چېقىپ كەچكىچە ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇش ياكى ھالاك قىلىش ئۈچۈن ئەمەل قىلىدۇ».مۇسلىم رىۋايىتى
مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە "ئۇفەير" دېيىلىدىغان ئېشەككە مىنگەشتىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئى مۇئاز! ئاللاھنىڭ بەندىلەر ئۈستىدىكى ۋە بەندىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ ئۈستىدىكى ھەققىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟» دېدى، مەن: ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بىلگۈچىدۇر دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھنىڭ بەندىلەر ئۈستىدىكى ھەققى: ئۇلار ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەي ئىبادەت قىلىش، بەندىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ ئۈستىدىكى ھەققى: ئۆزىگە شېرىك كەلتۈرمىگەن كىشىنى ئازابلىماسلىقتۇر» دېدى، مەن: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! بۇنىڭ بىلەن كىشىلەرگە خۇشخەۋەر بىرەيمۇ؟ دېسەم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئۇلارغا ھازىر خۇشخەۋەر بەرمىگىن، ئۇلار بۇ سۆزگە تايىنىۋالىدۇ» دېدى.بىرلىككە كەلگەن
جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كىلىپ: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! كىشىلەرنىڭ جەننەتكە ياكى دوزاخقا كېرىشىنى ۋاجىپ قىلىدىغان ئىككى خىسلەت قايسى؟ دەپ سورىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ تائالاغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەي ۋاپات بولغان كىشى جەننەتكە كېردى، ئاللاھ تائالاغا بىر نەرسىنى شېرىك كەلتۈرۈپ ۋاپات بولغان كىشى دوزاخقا كېردى»دېدى.مۇسلىم رىۋايىتى
ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئىبنى جەدئان جاھىلىيەت دەۋرىدە ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىقنى ئۇلايتتى، مىسكىنلەرگە يېمەك بېرەتتى بۇ ئىشلىرىنىڭ ئۇنىڭغا پايدىسى بولامدۇ؟ دېسەم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ياق، ئۇنىڭغا پايدىسى بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ بىر كۈنمۇ: رەببىم! قىيامەت كۈنى مېنىڭ خاتالىقلىرىمنى كەچۈرۈم قىلغىن دەپ باقمىدى» دېدى.مۇسلىم رىۋايىتى
سۇپيان بىن ئابدۇللاھ سەقەپىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن: ئى ئاللاھنىڭ رۇسۇلى! ماڭا ئىسلامدا بىر سۆزنى دەپ بەرسىلە، مەن ئۇ سۆز توغرىسىدا سىلىدىن باشقا ھېچ كىشىدىن سورىمايمەن دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى:«ئاللاھقا ئىشەندىم دەپ ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ سۆزنىڭ تەقەززاسى بىلەن مۇستەھكەم تۇرغىن».مۇسلىم ۋە ئەھمەد رىۋايىتى
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كۈن مەغرىبتىن چىقمىغۇچە قىيامەت بولمايدۇ، كۈن مەغرىپتىن چىققاندا، بۇنى كۆرۈپ كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئىمان ئېيىتىدۇ، ئاشۇ﴿لاَ يَنْفَعُ نَفْسًا إِيمَانُهَا لَمْ تَكُنْ آمَنَتْ مِنْ قَبْلُ، أَوْ كَسَبَتْ فِي إِيمَانِهَا خَيْرًا﴾‏ تەرجىمىسى: «پەرۋەردىگارىڭنىڭ بەزى ئالامەتلىرى كەلگەن كۈندە ئىلگىرى ئىمان ئېيتمىغانلارنىڭ ياكى ئىمان ئېيتىپ ياخشى ئىش قىلمىغانلارنىڭ ئېيتقان ئىمانى پايدىسىز بولىدۇ» [سۈرە ئەنئام 158-ئايەت]. ئەلۋەتتە ئىككى كىشى سودا -سېتىق قىلىش ئۈچۈن رەختلىرىنى يايىدۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا سودا پۈتمەي تۇرۇپ ۋە رەختلىرىنى قاتلىماي تۇرۇپ قىيامەت بولىدۇ. ئەلۋەتتە بىر كىشى سۈتلۈك تۆگۈسىنى سېغىپ ئېچمەكچى بولىدۇ، سۈتىنى سېغىپ ئېچەلمەي قىيامەت بولىدۇ. بىر كىشى سۇ ئېچىدىغان كۆلنى قىرلاپ سۈيىنى ئېچەلمەستىن قىيامەت بولىدۇ. ئەلۋەتتە سىلەرنىڭ بىرىڭلار يىمەكنى ئېغىزىغا كۆتۈرۈپ يۇتماي تۇرۇپ قىيامەت بولىدۇ».بىرلىككە كەلگەن
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ دۇنيادىكى ئوتۇڭلار جەھەننەم ئوتىنىڭ يەتمىشتىن بىر قىسمىدۇر»، ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! دۇنيانىڭ ئوتىمۇ كۇپايە قىلاتتىغۇ؟ دېيىلگەن ئېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «دۇنيانىڭ ئوتىغا ئاتمىش توققۇز ھەسسە ئارتۇق قىلىندى، ھەممىسىنىڭ كۆيدۈرىشى دۇنيانىڭ ئوتىغا ئوخشايدۇ» دېدى.بىرلىككە كەلگەن
ئابدۇللاھ بىن ئەمىر بىن ئاس رەزىيەللاھۇئەنھۇ مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان دەيدۇ: ئاللاھ تائالا ئاسمان ۋە زېمىننى يارىتىشتىن ئەللىك مىڭ يىل بۇرۇن خالايىقلارنىڭ تەقدىرىنى پۈتىۋەتكەن، ئاللاھنىڭ ئەرشى سۇنىڭ ئۈستىدە ئېدى دېدى».مۇسلىم رىۋايىتى
ئابدۇللاھ بىن ئەمرۇ بىن ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىىنلغان ھەدىستە، ئۇ كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «مۇئەززىننىڭ ئەزان ئوقۇغانلىقىنى ئاڭلىغان ۋاقتىڭلاردا مۇئەززىن دېگەن سۆزنىڭ ئوخشىشىنى دەڭلار، ئۇنىڭدىن كېيىن ماڭا دۇرۇت-سالام يوللاڭلار. ھەقىقەتەن كىمكى ماڭا بىر قېتىم دۇرۇت-سالام يوللىسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ سەۋەبى بىلەن ئۇ كىشىگە ئون رەھمەت يازىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھ تائالادىن مەن ئۈچۈن بىر ۋاستىنى سوراڭلار، ئۇ جەننەتتىكى ئالى مەرتىۋە بولۇپ، ئۇنىڭغا پەقەت ئاللاھنىڭ بەندىلىرىدىن بىرلا كىشى لايىق بولىدۇ، ئۇ كىشىنىڭ مەن بولۇشىمنى ئۈمىد قىلىمەن. كىمكى مەن ئۈچۈن ئۇ ئورۇننى سورىسا، ئۇ كىشىگە مېنىڭ شاپائىتىم ھالال بولىدۇ».مۇسلىم رىۋايىتى