حديث للعالم
تەرەت ئېلىش

تەرەت ئېلىشنىڭ پەزىلىتى

3 حديث

3 حديث

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: مېنىڭ ئۈممىتىم قىيامەت كۈنى تاھارەتنىڭ ئەسىرىدىن چىرايلىرى قول-پۇتلىرى نۇرانە بولغان ھالدا چاقىرىلىدۇ. كىمىكى سىلەردىن ئۇ نۇرنى كېڭەيتەلىسە كېڭەيتسۇن. ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ھەدىستە راۋى بۇنداق دېگەن: مەن ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ تاھارەت ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، ئۇ يۈزىنى يۇيۇپ ئىككى قولىنى مۆرىسىگە يېقىن بىر يەرگىچە يۇدى، ئاندىن ئىككى پۇتىنى پاقالچىقىغا يېقىن بىر يەرگىچە يۇيدى، ئاندىن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم دېدى: مېنىڭ ئۈممىتىم قىيامەت كۈنى تاھارەتنىڭ ئەسىرىدىن چىرايلىرى قول-پۇتلىرى نۇرانە بولغان ھالدا چاقىرىلىدۇ. «كىمىكى سىلەردىن ئۇ نۇرلىرىنى كېڭەيتەلىسە كېڭەيتسۇن» دېدى يەنە بىر ئىبارىدە: مېنىڭ دوستۇم پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: قىيامەت كۈنى مۆئمىننىڭ زىينىتى تاھارەتنى قەيەرگىچە ئالغان بولسا شۇ يەرگىچە بولىدۇمۇسلىم بۇ ھەدىسنى ئىككى ئىسنادتا رىۋايەت قىلغان - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
ئوسمان بىن ئەپپان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى تاھارەت ئالغاندا مۇكەممەل ،تولۇق ئالسا، ئۇ كىشىنىڭ پۈتۈن بەدىنىدىكى خاتالىقلارنىڭ ھەممىسى چېقىپ كېتىدۇ ھەتتا تىرنىقىنىڭ ئاستىدىكى خاتالىقلارمۇ چېقىپ كېتىدۇ».مۇسلىم رىۋايىتى
ئەبى مالىك ئەشئەرى رەزىيەللاھۇئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: پاكلىق ئىماننىڭ بىر قىسمىدۇر، ئەلھەمدۇلىللاھ مىزاننى توشقۇزىدۇ، سۇبھانە ئاللاھ ۋە ئەلھەمدۇ لىللاھ بۇ ئىككى كەلىمە ئاسمان بىلەن زېمىن ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى توشقۇزىدۇ، ناماز نۇردۇر، سەدىقە ھۆججەتتۇر، سەبىر يورۇقلۇقتۇر، قۇرئان سىزنىڭ پايدىڭىز ياكى زېيىنىڭىزغا ھۆججەتتۇر، ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى ئەتتىگەندە چېقىپ كەچكىچە ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇش ياكى ھالاك قىلىش ئۈچۈن ئەمەل قىلىدۇ».مۇسلىم رىۋايىتى