حديث للعالم
ھەج-ئۆمرە

ھەج-ئۆمرە قىلىشنىڭ پەزىلىتى

5 حديث

5 حديث

ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «رامىزاندا ئۆمرە قىلىش (پەزىلەتتە) ھەج قىلغانغا ياكى مەن بىلەن بىرگە ھەج قىلغانغا باراۋەر بولىدۇ» دېگەنھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم: «ئاللاھ ئۈچۈن ھەج قىلغان كىشى ھەجگە بېرىپ قايتقىچە ناچار گەپ-سۆز ۋە گۇناھ-مەئ‍سىيەتتىن ساقلانسا، ئانىسىدىن تۇغۇلغان كۈنىدىكىدەك گۇناھدىن پاك بولغان ھالەتتە قايتىدۇ».بىرلىككە كەلگەن
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: مەن: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى!، جىھاد قىلىش ئەمەللەرنىڭ ئەۋزىلى ئىكەن، بىزمۇ جىھاد قىلمايلىمۇ؟ دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سىلەر (ئاياللار) ئۈچۈن جىھادنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى گۇناھ ئارىلىشىپ قالمىغان ھەجدۇر»بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: « ئاللاھ بەندىنى دوزاختىن ئازاد قىلىدىغان كۈنلەر ئىچىدە ئەرەپات كۈنىدىنمۇ شەرەپلىكراق كۈن يوق. ئاللاھ بەندىلىرىگە يېقىنلاشقاندىن كىيىن، ئۇلار بىلەن پەرىشتىلەرگە پەخىر قىلىپ: ئۇلار نېمىنى مەقسەت قىلدى؟» دەيدۇئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
عن أبي هريرة رضي الله عنه: أن رسول الله صلى الله عليه وسلم قال: «العمرة إلى العمرة كفارةٌ لما بينهما، والحج المبرور ليس له جزاءٌ إلا الجنة».متفق عليه