حديث للعالم
ئاللاھ تائالاغا ئىشىنىش

ئاللاھنى پەرۋەردىگارلىقتا بىر دەپ ئىشىنىش

2 حديث

2 حديث

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن: ئاللاھنىڭ نەزىرىدە قايسى گۇناھ كاتتا ؟ دەپ سورىسام، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «سېنى ياراتقان ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشۈڭ دېدى»، بۇ ھەقىقەتەن كاتتا گۇناھ، ئۇنىڭدىن كېين قايسى؟ دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«پىقىرلىقتىن قورقۇپ، بالاڭنىڭ سەن بىلەن بىرگە يېمەك يېيىشىدىن ئەنسىرەپ ئۇنى ئۆلتۈرىۋېتىشىڭ»دېدى، مەن: ئۇنىڭدىن كېين قايسى؟ دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«خوشناڭنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلىشىڭ»دېدى.بىرلىككە كەلگەن
ئەنەس بىن مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن بىر ئۇلاققا مىنگەشتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئى مۇئاز بىن جەبەل!» دېدى، مۇئاز: خوش ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! خىزمەتلىرىگە ھازىرمەن دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئى مۇئاز بىن جەبەل!» دېدى، مۇئاز: خوش ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! خىزمەتلىرىگە ھازىرمەن دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ سۆزنى ئۈچ قېتىم تەكرارلاپ مۇنداق دېدى:«ھەر قانداق بىر كىشى ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ چىن دىلىدىن گۇۋاھلىق بەرسە ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى دوزاخقا سالمايدۇ» مۇئاز: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! بۇ سۆزنى كىشىلەرگە خەۋەر قىلىپ خۇش بىشارەت بىرەيمۇ؟ دېگەن ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«ئۇ ۋاقىتتا ئۇلار بۇ سۆزگە تايىنىۋالىدۇ ھازىر خەۋەر بەرمىگىن »دېدى. مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋاپات بولىدىغان ۋاقىتتا ئىلىمنى يوشۇرغاننىڭ گۇناھى بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن بۇ ھەدىسنى بايان قىلىپ بەرگەن.بىرلىككە كەلگەن