حديث للعالم
تەقدىرگە ئىشىنىش

قازا ۋە قەدەرنىڭ دەرىجىلىرى

2 حديث

2 حديث

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن بىر كۈنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلىغىنىڭ كەينىگە مىنگەشكەن ئىدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:«ئى ئوغۇل! مەن ساڭا بىر قانچە سۆزلەرنى ئۈگىتىپ قوياي: سەن ئاللاھنى ياد ئەتسەڭ، ئاللاھ سېنى ياد ئېتىدۇ، سەن ئاللاھنى ياد ئەتسەڭ، ئاللاھنى سەن تەرەپتە تاپىسەن، بىر نەرسە سورىساڭ ئاللاھدىن سورا، ياردەم تەلەپ قىلساڭ ئاللاھدىن تەلەپ قىلغىن، بىلگىنكى! ئۈممەتنىڭ ھەممىسى بىرلىشىپ ساڭا بىر نەرسە بىلەن مەنپەئەت يەتكۈزمەكچى بولسا ئۇلار ساڭا پەقەت ئاللاھ تەقدىر قىلغان نەرسىدىن باشقا نەرسىنى مەنپەئەت يەتكۈزەلمەيدۇ، ئەگەر ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىرلىشىپ ساڭا بىر نەرسە بىلەن زىيان يەتكۈزمەكچى بولسا ئۇلار ساڭا پەقەت ئاللاھ تائالا تەقدىر قىلغان نەرسىدىن باشقا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، قەلەملەر كۆتۈرۈلدى، سەھىپىلەر قۇرىدى».تىرمىزى رىۋايىتى
ئابدۇللاھ بىن ئەمىر بىن ئاس رەزىيەللاھۇئەنھۇ مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان دەيدۇ: ئاللاھ تائالا ئاسمان ۋە زېمىننى يارىتىشتىن ئەللىك مىڭ يىل بۇرۇن خالايىقلارنىڭ تەقدىرىنى پۈتىۋەتكەن، ئاللاھنىڭ ئەرشى سۇنىڭ ئۈستىدە ئېدى دېدى».مۇسلىم رىۋايىتى