حديث للعالم
اضغط على الصورة لعرضها بالحجم الكامل
پەزىلەت ۋە ئەدەپ-ئەخلاق

ئەبى بەكرەتە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:

متاح بـ 65 لغة
«ئەبى بەكرەتە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: سىلەرگە گۇناھلارنىڭ ئەڭ چوڭىدىن خەۋەر بېرەيمۇ؟، دەپ ئۈچ قېتىم تەكرارلىدى. ساھابىلار: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! خەۋەر بەرسىلە دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرۈش، ئاتا-ئانىنى قاقشىتىش» دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يۆلۈنۈپ ئولتۇرغان بولۇپ بۇ سۆزنى دەپ بولغاندىن كېيىن تىك ئولتۇرۇپ: «يالغان سۆز قىلىشتىن ئاگاھ بولۇڭلار» دەپ، بۇ سۆزنى كۆپ تەكرارلىدى، ھەتتا بىز: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام توختىغان بولسىكەن دەپ قالدۇق».»

ترجمة بالمعنى ·

شرح الحديث

خلاصة المعنى بعبارة ميسّرة

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىغا چوڭ گۇناھلاردىن خەۋەر بېرىپ تۆۋەندىكى ئۈچ تۈرلۈك گۇناھنى زىكىر قىلدى: 1-ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش: ئۇ ئىبادەتنىڭ تۈرلىرىدىن قايسى بىر تۈرىنى ئاللاھنىڭ غەيرىگە قىلىش، ئاللاھنىڭ ئىلاھلىقىغا، پەرۋەردىگارلىقىغا، گۈزەل ئىسىم - سۈپەتلىرىدە يېگانىلىقىغا ئاللاھنىڭ غەيرىنى باراۋەر قىلىش دېمەكتۇر. 2-ئاتا-ئانىنى قاقشىتىش: بۇ ئاغزاكى ياكى ئەمەلى ھەرىكىتى بىلەن بولسۇن ئاتا-ئانىسىغا ئەزىيەت يەتكۈزۈش ۋە ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشنى تەرك قىلىش دېمەكتۇر. 3-يالغان سۆزلەش ۋە يالغان گۇۋاھلىق بېرىش: باشقىلارنىڭ مېلىنى ئېلىۋىلىش، ھەق-ھوقۇق، يۈز ئابرۇيىغا تاجاۋۇز قىلىش دېگەندەك باشقىلارنى چۈشۈرۈش مەقسەت قىلىنىدىغان يالغان ۋە ئويدۇرما سۆزلەردىن ئىبارەت. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يالغان، ئويدۇرما سۆزنىڭ قەبىھلىكى، شەخسكە ۋە جەمئىيەتكە بولغان سەلبى تەسىرىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇنى تەكرار سۆزلىدى، ھەتتا ساھابىلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇ چەكلىگەن ئىشنى ئۆچ كۆرۈپ كاشكى توختىغان بولسا ئىكەن دېيىشتى.

المصدر
بىرلىككە كەلگەن
تحميل الصورة

ستُحفظ الصورة بجودتها الأصلية