حديث للعالم
اضغط على الصورة لعرضها بالحجم الكامل
پەزىلەت ۋە ئەدەپ-ئەخلاق

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم دەيدۇ:

متاح بـ 61 لغة
«ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم دەيدۇ: «مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ گۇناھ-مەسىيەتنى ئاشكارا قىلغانلىرىدىن باشقا ھەممىىسى ئەپۇ قىلىندۇ. گۇناھ-مەسىيەتنى ئاشكارا قىلىش دېگەن: بىر ئادەم كېچە خاتا ئىشنى قىلىدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇ ئىشنى ئاشكارا قىلمىغان، ياپقان ھالەتتە تاڭ ئاتقۇزىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن: ھەي پالانى! مەن كېچىدىن مۇنداق، مۇنداق ئىشنى قىلدىم دەپ ئاللاھ تائالانىڭ يوشۇرغان ئىشنى تاڭ ئاتقاندا ئوچۇق باشقىلارغا دەيدۇ».»

ترجمة بالمعنى ·

شرح الحديث

خلاصة المعنى بعبارة ميسّرة

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام خاتالىق سادىر قىلغۇچىنىڭ ئاللاھنىڭ ئەپۇ قىلىشى ۋە مەغپىرەت قىلىشىنى ئۈمىت قىلىدىغانلىقى، لېكىن خاتالىقنى ئاشكارا قىلغۇچى بولسا، قىلغان ئىشىدىن پەخىرلەنگەنلىكى ۋە يۈزى قىلىنلىقىدىن ئاللاھنىڭ ئەپۇ قىلىشى ۋە مەغپىرەت قىلىشىقا لايىق بولالمايدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى كېچىدە خاتالىق سادىر قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ئاشكارا قىلماسلىقى، يۆگىشى بىلەن تاڭ ئاتقۇزىدۇ، ئاندىن ئۆزىنىڭ كېچىدە پالانى ئايال بىلەن ناچار ئىش قىلغانلىقىنى باشقىلارغا پەخىرلىنىپ سۆزلەپ بېرىدۇ، ئاللاھنىڭ يوشۇرىشى، ئورىشى بىلەن تاڭ ئاتقۇزۇپ، كۈندۈزدە ئاللاھنىڭ پەردىسىنى يېرتىپ تاشلايدۇ.

المصدر
بىرلىككە كەلگەن
تحميل الصورة

ستُحفظ الصورة بجودتها الأصلية