پىقھى ۋە ئۇنىڭ ئۇسۇل قائىدىلىرى
متاح بـ 16 لغة
«ئەبۇل ئەسۋەد دېگەن كىشى مۇنداق دېدى: مەدىنىگە كەلگەن ۋاختىمدا ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىدا ئولتۇراتتىم، ئۇلارنىڭ يېنىدىن بىر جىنازە ئۆتكەندە، ۋاپات بولغۇچىنىڭ ياخشى گىپى قىلىندى، ئۆمەر: لايىق بولدى،- دېدى، ئاندىن يەنە بىر جىنازە ئۆتكەندە، ئۇنىڭمۇ ياخشى گىپى قىلىندى، ئۆمەر: لايىق بولدى،- دېدى، ئاندىن يەنە بىر جىنازە ئۆتكەندە، ئۆلگۈچىنىڭ يامان گىپى قىلىندى، ئۆمەر: لايىق بولدى،- دېدى، ئەبۇل ئەسۋەد مۇنداق دېدى: مەن: ئى مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى! ئۇ نېمىگە لايىق بولدى؟ دەپ سورىسام، ئۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دېگەنگە ئوخشاش سۆزنى دېدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەر قانداق مۇسۇلمان ئۈچۈن تۆت كىشى ياخشىلىق بىلەن گۇۋاھلىق بەرسە، ئاللاھ ئۇنى جەننەتكە كىرگۈزىدۇ» دېگەندە، بىز: ئۈچ كىشى بولسىچۇ؟ دېسەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۈچ كىشى بولسىمۇ» دېدى، بىز ئىككى كىشى بولسىچۇ؟ دېسەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئىككى كىشى بولسىمۇ» دېدى، ئاندىن بىز بىر كىشى توغرۇلۇق سورىمىدۇق»ترجمة بالمعنى ·
ستُحفظ الصورة بجودتها الأصلية








