حديث للعالم

كل الأحاديث

مجموعة البطاقات كاملة، رتّبها بحسب الباب

655 حديث

عن عمرو بن شعيب، عن أبيه، عن جده قال: قال رسول الله صلى الله عليه وسلم : «يَدُ المسلمين على مَن سِواهم، تَتَكافَأُ دِماؤهم وأموالُهم، ويُجِيرُ على المسلمين أدْناهم، ويَرُدُّ على المسلمين أَقْصَاهم».رواه أبو داود وابن ماجه وأحمد
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: بىر جامائەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يىنىغا كىلىپ: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! كىشىلەر بىزگە گۆش ئىلىپ كىلىدۇ، بىز مالنى ئاللاھنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلىپ ئۆلتۈردىمۇ ياكى زىكىر قىلمىدىمۇ؟ بۇنى بىلمەيمىز دېگەن ئىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلىپ يەڭلار» دېدىبۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
عن أبي هريرة رضي الله عنه أن رسول الله صلى الله عليه وسلم قال: «إن لله تِسْعَةً، وتِسْعِينَ، اسْمًا، مِائَةً إلا واحدا مَنْ أَحْصَاهَا دخل الجنة».متفق عليه
ئابدۇللاھ بىن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىسلام بەش ئاساسنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان: ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىش، نامازنى بەرپا قىلىش، زاكات بېرىش، ھەج قىلىش ۋە رامىزان روزىسىنى تۇتىشتىن ئىبارەت».بىرلىككە كەلگەن
ئەبۇ سەئىد خۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە ئۇ كىشى مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم دەيدۇ: «سىلەردىن بىرىڭلار بىر يامانلىقنى كۆرسە ئۇنى قولى بىلەن ئۆزگەرتسۇن، ئەگەر ئۇنىڭغا قادىر بولالمىسا، تىلى بىلەن ئۆزگەرتسۇن، ئۇنىڭغىمۇ قادىر بولالمىسا قەلبى بىلەن بولسىمۇ نارازى بولسۇن، قەلبى بىلەن نارازى بولۇش بولسا ئىماننىڭ ئەڭ ئاجىز ئىپادىسىدۇر»مۇسلىم رىۋايىتى
ئەبى مالىك ئەشئەرى رەزىيەللاھۇئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: پاكلىق ئىماننىڭ بىر قىسمىدۇر، ئەلھەمدۇلىللاھ مىزاننى توشقۇزىدۇ، سۇبھانە ئاللاھ ۋە ئەلھەمدۇ لىللاھ بۇ ئىككى كەلىمە ئاسمان بىلەن زېمىن ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى توشقۇزىدۇ، ناماز نۇردۇر، سەدىقە ھۆججەتتۇر، سەبىر يورۇقلۇقتۇر، قۇرئان سىزنىڭ پايدىڭىز ياكى زېيىنىڭىزغا ھۆججەتتۇر، ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى ئەتتىگەندە چېقىپ كەچكىچە ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇش ياكى ھالاك قىلىش ئۈچۈن ئەمەل قىلىدۇ».مۇسلىم رىۋايىتى
مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە "ئۇفەير" دېيىلىدىغان ئېشەككە مىنگەشتىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئى مۇئاز! ئاللاھنىڭ بەندىلەر ئۈستىدىكى ۋە بەندىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ ئۈستىدىكى ھەققىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟» دېدى، مەن: ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بىلگۈچىدۇر دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھنىڭ بەندىلەر ئۈستىدىكى ھەققى: ئۇلار ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەي ئىبادەت قىلىش، بەندىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ ئۈستىدىكى ھەققى: ئۆزىگە شېرىك كەلتۈرمىگەن كىشىنى ئازابلىماسلىقتۇر» دېدى، مەن: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! بۇنىڭ بىلەن كىشىلەرگە خۇشخەۋەر بىرەيمۇ؟ دېسەم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئۇلارغا ھازىر خۇشخەۋەر بەرمىگىن، ئۇلار بۇ سۆزگە تايىنىۋالىدۇ» دېدى.بىرلىككە كەلگەن
جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كىلىپ: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! كىشىلەرنىڭ جەننەتكە ياكى دوزاخقا كېرىشىنى ۋاجىپ قىلىدىغان ئىككى خىسلەت قايسى؟ دەپ سورىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ تائالاغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەي ۋاپات بولغان كىشى جەننەتكە كېردى، ئاللاھ تائالاغا بىر نەرسىنى شېرىك كەلتۈرۈپ ۋاپات بولغان كىشى دوزاخقا كېردى»دېدى.مۇسلىم رىۋايىتى
ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئىبنى جەدئان جاھىلىيەت دەۋرىدە ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىقنى ئۇلايتتى، مىسكىنلەرگە يېمەك بېرەتتى بۇ ئىشلىرىنىڭ ئۇنىڭغا پايدىسى بولامدۇ؟ دېسەم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ياق، ئۇنىڭغا پايدىسى بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ بىر كۈنمۇ: رەببىم! قىيامەت كۈنى مېنىڭ خاتالىقلىرىمنى كەچۈرۈم قىلغىن دەپ باقمىدى» دېدى.مۇسلىم رىۋايىتى
سۇپيان بىن ئابدۇللاھ سەقەپىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن: ئى ئاللاھنىڭ رۇسۇلى! ماڭا ئىسلامدا بىر سۆزنى دەپ بەرسىلە، مەن ئۇ سۆز توغرىسىدا سىلىدىن باشقا ھېچ كىشىدىن سورىمايمەن دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى:«ئاللاھقا ئىشەندىم دەپ ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ سۆزنىڭ تەقەززاسى بىلەن مۇستەھكەم تۇرغىن».مۇسلىم ۋە ئەھمەد رىۋايىتى
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كۈن مەغرىبتىن چىقمىغۇچە قىيامەت بولمايدۇ، كۈن مەغرىپتىن چىققاندا، بۇنى كۆرۈپ كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئىمان ئېيىتىدۇ، ئاشۇ﴿لاَ يَنْفَعُ نَفْسًا إِيمَانُهَا لَمْ تَكُنْ آمَنَتْ مِنْ قَبْلُ، أَوْ كَسَبَتْ فِي إِيمَانِهَا خَيْرًا﴾‏ تەرجىمىسى: «پەرۋەردىگارىڭنىڭ بەزى ئالامەتلىرى كەلگەن كۈندە ئىلگىرى ئىمان ئېيتمىغانلارنىڭ ياكى ئىمان ئېيتىپ ياخشى ئىش قىلمىغانلارنىڭ ئېيتقان ئىمانى پايدىسىز بولىدۇ» [سۈرە ئەنئام 158-ئايەت]. ئەلۋەتتە ئىككى كىشى سودا -سېتىق قىلىش ئۈچۈن رەختلىرىنى يايىدۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا سودا پۈتمەي تۇرۇپ ۋە رەختلىرىنى قاتلىماي تۇرۇپ قىيامەت بولىدۇ. ئەلۋەتتە بىر كىشى سۈتلۈك تۆگۈسىنى سېغىپ ئېچمەكچى بولىدۇ، سۈتىنى سېغىپ ئېچەلمەي قىيامەت بولىدۇ. بىر كىشى سۇ ئېچىدىغان كۆلنى قىرلاپ سۈيىنى ئېچەلمەستىن قىيامەت بولىدۇ. ئەلۋەتتە سىلەرنىڭ بىرىڭلار يىمەكنى ئېغىزىغا كۆتۈرۈپ يۇتماي تۇرۇپ قىيامەت بولىدۇ».بىرلىككە كەلگەن
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ دۇنيادىكى ئوتۇڭلار جەھەننەم ئوتىنىڭ يەتمىشتىن بىر قىسمىدۇر»، ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! دۇنيانىڭ ئوتىمۇ كۇپايە قىلاتتىغۇ؟ دېيىلگەن ئېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «دۇنيانىڭ ئوتىغا ئاتمىش توققۇز ھەسسە ئارتۇق قىلىندى، ھەممىسىنىڭ كۆيدۈرىشى دۇنيانىڭ ئوتىغا ئوخشايدۇ» دېدى.بىرلىككە كەلگەن
ئابدۇللاھ بىن ئەمىر بىن ئاس رەزىيەللاھۇئەنھۇ مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان دەيدۇ: ئاللاھ تائالا ئاسمان ۋە زېمىننى يارىتىشتىن ئەللىك مىڭ يىل بۇرۇن خالايىقلارنىڭ تەقدىرىنى پۈتىۋەتكەن، ئاللاھنىڭ ئەرشى سۇنىڭ ئۈستىدە ئېدى دېدى».مۇسلىم رىۋايىتى
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « كىمكى ماڭا قەستەن يالغاننى توقۇسا، ئۇ كىشى دوزاختىن ئۆزىنىڭ ئورنىنى تەييارلاپ قويسۇن».بىرلىككە كەلگەن
ئابدۇللاھ بىن ئەمىر بىن ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قۇرئان ياد قىلغۇچى ئۈچۈن: ئوقۇغىن، يۇقىرى ئۆرلىگىن، دۇنيادا قۇرئان كەرىمنى تەرتىل بىلەن تىلاۋەت قىلغاندەك تىلاۋەت قىلغىن، ھەقىقەتەن سېنىڭ ئورنۇڭ سەن تىلاۋەت قىلغان ئەڭ ئاخىرقى ئايەتكىچە بولىدۇ، دېيىلىدۇ».ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى، نىسائى سۈنەن كۇبرادا ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان
ئۇبەي ئىبنى كەئەب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئى مۇنزىرنىڭ ئاتىسى! ئاللاھنىڭ كىتابىدىن سەن بىلەن بولغان ئەڭ كاتتا ئايەتنىڭ قايسى ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟، مەن: ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بىلگۈچىدۇر دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئى مۇنزىرنىڭ ئاتىسى! ئاللاھنىڭ كىتابىدىن سەن بىلەن بولغان ئەڭ كاتتا ئايەتنىڭ قايسى ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟دېدى، مەن: بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر؛ ئاللاھنىڭ ھاياتلىقى ئەبەدىيدۇر، ھەممىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچىدۇر»دېدىم. [سۈرە بەقەرە 255-ئايەت]. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مېنىڭ مەيدەمگە ئۇرۇپ تۇرۇپ :«ئاللاھ بىلەن قەسەم! ئى ئابا مۇنزىر! ئىلىم ساڭا ئاسان بوپتۇ» دېدى.مۇسلىم رىۋايىتى
ئابدۇللاھ بىن ئەمرۇ بىن ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىىنلغان ھەدىستە، ئۇ كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «مۇئەززىننىڭ ئەزان ئوقۇغانلىقىنى ئاڭلىغان ۋاقتىڭلاردا مۇئەززىن دېگەن سۆزنىڭ ئوخشىشىنى دەڭلار، ئۇنىڭدىن كېيىن ماڭا دۇرۇت-سالام يوللاڭلار. ھەقىقەتەن كىمكى ماڭا بىر قېتىم دۇرۇت-سالام يوللىسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ سەۋەبى بىلەن ئۇ كىشىگە ئون رەھمەت يازىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھ تائالادىن مەن ئۈچۈن بىر ۋاستىنى سوراڭلار، ئۇ جەننەتتىكى ئالى مەرتىۋە بولۇپ، ئۇنىڭغا پەقەت ئاللاھنىڭ بەندىلىرىدىن بىرلا كىشى لايىق بولىدۇ، ئۇ كىشىنىڭ مەن بولۇشىمنى ئۈمىد قىلىمەن. كىمكى مەن ئۈچۈن ئۇ ئورۇننى سورىسا، ئۇ كىشىگە مېنىڭ شاپائىتىم ھالال بولىدۇ».مۇسلىم رىۋايىتى
ئەنەس بىن مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «نامازنى ئۇنتۇپ قالغان كىشى ئېسىگە كەلگەن ھامان ئوقۇشى كېرەك، نامازنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا كاپارىتى يوق، ﴿‏وَأَقِمِ الصَّلاةَ لِذِكْرِي﴾‏ تەرجىمىسى: «مېنى زىكىر قىلىش ئۈچۈن ناماز ئوقۇغىن» [سۈرە تاھا 14-ئايەت].بىرلىككە كەلگەن
ئەبۇ قەتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار مەسچىتكە كىرسە ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرى ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇسۇن».بىرلىككە كەلگەن
ئەبۇ ھۈمەيد ياكى ئەبۇ ئۇسەيد مۇنداق دەيدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار مەسچىتكە كىرگەندە: ئى ئاللاھ! ماڭا رەھمەت ئېشىكىڭنى ئېچىۋەتكىن دېسۇن، مەسچىتتىن چېقىدىغان ۋاقىتتا: ئى ئاللاھ! مەن سەندىن پەزلى-رەھمىتىڭنى سورايمەن دېسۇن».مۇسلىم رىۋايىتى
جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان دەيدۇ: «مۇسۇلمان بىلەن شېرىك ۋە كاپىر ئارىسىدىكى پەرق نامازنى تەرك قىلىشتۇر».مۇسلىم رىۋايىتى
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « كىشىلەرنىڭ ئەڭ ناچىرى نامازىنى ئوغۇرلىغۇچىدۇر»، ئەبۇ ھۈرەيرە: نامىزىنى قانداق ئوغۇرلايدۇ؟ دېگەن ئېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «نامازنىڭ رۇكۇ ۋە سەجدىلىرىنى تولۇق ئادا قىلمايدۇ» دېدى.ئىبنى ھىببان رىۋايىتى
ئىبنى ئەبى ئەۋپا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرگەندە: «سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدە» (ئاللاھ ئۆزىنى مەدھىيلىگەن كىشىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىدى)، رەببەنا لەكەل ھەمدۇ، مىلئەس سەماۋاتى ۋە مىلئەل ئەرزى ۋە مىلئە ما شىئتە مىن شەيئىن بەئدۇ»(ئى رەببىمىز ئاللاھ! ئاسمانلار، زېمىنلار، ئۇنىڭدىن كېيىنكى سەن خالىغان چەكسىز بارلىق گۈزەل مەدھىيلەر ساڭا خاستۇر)دەيدۇ.مۇسلىم رىۋايىتى
ئوسمان بىن ئەبۇل ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: ئۇ كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! شەيتان مەن بىلەن مېنىڭ نامىزىم، ئوقۇغان تېلاۋىتىمنىڭ ئارىسىدا ماڭا توسانجا بولۇپ ئۇنى ماڭا ئارىلاشتۇرىۋېتىدۇ دېگەن ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«ئۇ ھىنزەپ دەپ ئاتىلىدىغان شەيتاندۇر، سەن بۇنى ھېس قىلغان ۋاقتىڭدا، ئۇنىڭ ئازدۇرىشىدىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھلىق تېلىگىن، سول تەرىپىڭگە ئۈچ قېتىم تۈفلىۋەتكىن» دېدى. ئۇ كىشى: مەن شۇنداق قىلغان ئېدىم، ئاللاھ تائالا ئۇ ۋەسۋەسىنى مەندىن كەتكۈزىۋەتتى دېدى.مۇسلىم رىۋايىتى