حديث للعالم

كل الأحاديث

مجموعة البطاقات كاملة، رتّبها بحسب الباب

655 حديث

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەر(ھەقىقى)مۇئ‍مىن بولمىغىچىلىك جەننەتكە كىرەلمەيسىلەر، بىر-بىرىڭلارنى ياخشى كۆرمىگۇچە مۇئ‍مىن بولالمايسىلەر، مەن سىلەرگە ئۇنى قىلساڭلار بىر-بىرىڭلارنى ياخشى كۆرۈشىدىغان ئىشنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ ئۆزئارا سالامنى ئومۇملاشتۇرۇڭلار».مۇسلىم رىۋايىتى
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ناۋادا ئۈممىتىمگە ئېغىرچىلىق بولىدۇ دېمىسەم ھەر نامازغا مىسۋاك ئىشلىتىشكە بۇيرۇيتتىمھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۇناپىقلارغا ئەڭ ئېغىر كېلىدىغان ناماز خۇپتەن نامىزى بىلەن بامدات نامىزىدۇر، ئەگەر ئۇلار بۇ ئىككى نامازدىكى ئەجىر-ساۋاپنى بىلگەن بولسا ئېدى، ئۆمىلەپ بولسىمۇ مەسچىتكە كېلەتتى، مەن جامائەتنى نامازنى ئادا قىلىشقا بۇيرۇپ، نامازغا تەكبىر ئېيتىلغاندا بىر كىشىنى كىشىلەرگە ئىمام بولۇپ ناماز ئادا قىلىشقا قالدۇرپ، مەن بىر باغلامدىن ئۆتۈن كۆتۈرگەن بىر تۈركۈم كىشىلەرنى ئېلىپ جامائەت نامىزىغا كەلمىگەن كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ ئۇلارنى ئۆيلىرى بىلەن قوشۇپ كۆيدۈرۋەتسەمكەن دەپ كەتتىم».بىرلىككە كەلگەن
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: مېنىڭ ئۈممىتىم قىيامەت كۈنى تاھارەتنىڭ ئەسىرىدىن چىرايلىرى قول-پۇتلىرى نۇرانە بولغان ھالدا چاقىرىلىدۇ. كىمىكى سىلەردىن ئۇ نۇرنى كېڭەيتەلىسە كېڭەيتسۇن. ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ھەدىستە راۋى بۇنداق دېگەن: مەن ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ تاھارەت ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، ئۇ يۈزىنى يۇيۇپ ئىككى قولىنى مۆرىسىگە يېقىن بىر يەرگىچە يۇدى، ئاندىن ئىككى پۇتىنى پاقالچىقىغا يېقىن بىر يەرگىچە يۇيدى، ئاندىن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم دېدى: مېنىڭ ئۈممىتىم قىيامەت كۈنى تاھارەتنىڭ ئەسىرىدىن چىرايلىرى قول-پۇتلىرى نۇرانە بولغان ھالدا چاقىرىلىدۇ. «كىمىكى سىلەردىن ئۇ نۇرلىرىنى كېڭەيتەلىسە كېڭەيتسۇن» دېدى يەنە بىر ئىبارىدە: مېنىڭ دوستۇم پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: قىيامەت كۈنى مۆئمىننىڭ زىينىتى تاھارەتنى قەيەرگىچە ئالغان بولسا شۇ يەرگىچە بولىدۇمۇسلىم بۇ ھەدىسنى ئىككى ئىسنادتا رىۋايەت قىلغان - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
عن أبي هريرة رضي الله عنه مرفوعًا: «إِنَّ الله تَعَالى يَقُول يَوْمَ القِيَامَة: أَيْنَ المُتَحَابُّونَ بِجَلاَلِي؟ اليَوم أُظِلُّهُم فِي ظِلِّي يَوْمَ لاَ ظِلَّ إِلاَّ ظِلِّي».رواه مسلم
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى توغرا يولغا چاقىرىدىكەن ئۇ كىشىگە توغرا يولغا ئەگەشكەنلەرنىڭ ئەجىر-ساۋابى بېرىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەجىر-ساۋاپلىرىدىن ھېچ نەرسە كېمەيتىلمەيدۇ. كىمكى ئازغۇنلۇققا چاقىرىدىكەن، ئۇ كىشىگە ئازغۇنلۇققا ئەگەشكەنلەرنىڭ گۇناھى يېزىلىدۇ، ئۇلارنىڭ گۇناھىدىن ھېچ نەرسە كېمەيتىلمەيدۇ».مۇسلىم رىۋايىتى
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رەسۇلۇللاھنىڭ: «كىشلەر ھەر كۈنى تاڭ ئاتقۇزغاندا ئىككى پەرىشتە زېمىنغا چۈشۈپ، بىرى: ئى ئاللاھ، چىقىم قىلغۇچىغا ئورنىنى تولدۇرۇپ بەرگىن! دېسە؛ يەنە بىرى: ئى ئاللاھ، چىڭ سىقىۋالغۇچىغا ۋەيرانچىلىق بەرگىن! دەيدۇ» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندىھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
مەھمۇد بىن لەبىيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەن سىلەر ئۈچۈن ھەممىدىن بەكرەك ئەنسىرەيدىغان نەرسەم كېچىك شېرىك»، ساھابىلار: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! كېچىك شېرىك دېگەن نېمە؟دېۋىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «رىيا ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى ئىنسانلارنى قىلغان ئەمەللىرى بىلەن جازا-مۇكاپاتلىغاندا، :سىلەر دۇنيادا ماڭا شېرىك قىلغان شېرىكلىرىڭلارنىڭ يېنىغا بېرىڭلار، ئۇلاردىن بىرەر مۇكاپات تاپالامسىلەر قاراپ بىقىڭلار؟ دەيدۇ».ئەھمەد رىۋايىتى
ئۆمەر بىن خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «خىرىستىيانلار مەريەم ئوغلى ئىسانى كۆككە كۆتۈرگەندەك مېنى كۆككە كۆتۈرمەڭلار، ھەقىقەتەن مەن ئاللاھنىڭ بەندىسى، مېنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەڭلار».بۇخارى رىۋايىتى
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! قىيامەت كۈنىدە سىلىنىڭ شاپائەتلىرى بىلەن ئەڭ بەختلىك بولىدىغان كىشى كىم؟ دېيىلگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئى ئەبۇ ھۈرەيرە! سەندىن ئىلگىرى بۇ توغرىدا ھېچ كىشى بىر نەرسە سورىمايدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم، سېنىڭ ھەدىسكە بولغان ھېرىسمەنلىكىڭنى كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن ساڭا ئېيتىپ بېرەي: «قىيامەت كۈنىدە مېنىڭ شاپائىتىم بىلەن ئەڭ بەختلىك بولىدىغان كىشى چىن قەلبىدىن ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ئىلاھ يوق دەپ شاھادەت ئېيتقان كىشىدۇر» دېدى.بۇخارى رىۋايىتى
عن جندب بن عبد الله رضي الله عنه قال: قال رسول الله صلى الله عليه وسلم : "قال رجل: والله لا يغفر الله لفلان، فقال الله: من ذا الذي يتألى عليَّ أن لا أغفر لفلان؟ إني قد غفرت له، وأحبطت عملك". وفي حديث أبي هريرة: أن القائل رجل عابد، قال أبو هريرة: "تكلم بكلمة أوبقت دنياه وآخرته".رواه مسلم
عن عبد الله بن عمرو بن العاص - رضي الله عنه- مرفوعاً: "مَن ردته الطِّيَرَة عن حاجته فقد أشرك، قالوا: فما كفارة ذلك؟ قال: أن تقول: اللهم لا خير إلا خيرك، ولا طَيْرَ إِلَّا طَيْرُكَ ولا إله غيرك".رواه أحمد
ئۇبادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق، ئاللاھ يالغۇز، ئۇنىڭ ھېچ شېرىكى يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى، ئىسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى، ئاللاھنىڭ مەريەمگە تاشلىغان كەلىمىسىدىن بولغان، روھ ئاللاھدىن، جەننەت ھەق، دوزاخ ھەق دەپ گۇۋاھلىق بەرسە ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى ئۆزىنىڭ قىلغان ئەمىلىگە يارىشا جەننەتكە كىرگۈزىدۇ».بىرلىككە كەلگەن
ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر سۆزنى دېدى مەن ئۇنىڭ بىلەن يەنە بىر سۆزنى دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام :«كىمكى ئاللاھنىڭ غەيرىگە تېۋىنغان ھالەتتە ئۆلۈپ كەتسە، ئۇ كىشى دوزاخقا كىرىدۇ دېدى، مەن : كىمكى ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەي ئۆلۈپ كەتسە جەننەتكە كىرىدۇ دېدىم.بىرلىككە كەلگەن
عن أبي هريرة رضي الله عنه أن رسول الله صلى الله عليه وسلم قال: «إذا عَطَسَ أَحَدُكُم فَلْيَقُل: الحَمْدُ للهِ، وَلْيَقُلْ لَهُ أَخُوهُ أو صاحبُهُ: يَرْحَمُكَ الله، فإذا قال له: يرحمك الله، فَلْيَقُلْ: يَهْدِيكُم الله ويُصْلِحُ بَالَكُم».رواه البخاري
عن أبي هريرة رضي الله عنه مرفوعًا: «صلاة الرجل في جماعة تَضعُفُ على صلاته في بيته وفِي سُوقِه خمسا وعشرين ضِعفًا، وذلك: أَنَّه إِذَا تَوَضَّأ، فَأَحسَن الوُضُوء، ثمَّ خرج إلى المسجد لاَ يُخرِجُهُ إلاَّ الصلاة؛ لَم يَخْطُ خُطوَةً إِلاَّ رُفِعَت له بِها درجة، وَحُطَّ عَنهُ بها خطيئة، فإذا صلَّى لم تزل الملائكة تُصَلِّي عليه، ما دام في مُصَلاَّه: اللهُمَّ صَلِّ عليه، اللهم اغفِر له، اللهم ارْحَمه، ولا يزال في صلاة ما انتظر الصلاة».متفق عليه
زەيد ئىبنى خالىد ئەلجۇھەنى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: كىمكى ئاللاھ يولىدا غازات قىلغۇچىنى جابدۇپ قويسا، ئۇ كىشى غازات قىلغۇچىغا ئوخشاش ساۋابقا ئېرىشىدۇ. كىمكى غازات قىلغۇچىنىڭ ئائىلىسىگە ياردەم بېرىش ۋە ئەھۋالىدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن قالسا، ئۇ كىشى غازات قىلغۇچىغا ئوخشاش ساۋابقا ئېرىشىدۇھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
ئائىشە بىنتى ئەبى بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نەپلە ئىبادەتلەر ئىچىدە بامداتنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتىدىنمۇ بەكراق چىڭ تۇتقان ئىبادەت يوق ئىدى. يەنە بىر رىۋايەتتە: بامداتنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتى بۇ دۇنيا ۋە ئۇنىڭدىكى پۈتۈن نەرسىلەردىن ياخشىدۇرئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى بىر كېسەلنى يوقلىسا ياكى ئاللاھ يولىدا دوستلاشقان بىر قېرىندىشىنى يوقلىسا، بىر نىدا قىلغۇچى ئۇنىڭغا: ياخشى ئىش قىلدىڭ، باسقان قەدەملىرىڭ مۇبارەك بولدى، ئۆزۈڭگە جەننەتتىن بىر ئورۇن تەييارلىدىڭ دەپ نىدا قىلىدۇ»ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
عَنْ أَبِي بَكْرٍ الصِّدِّيقَ رَضيَ اللهُ عنه قَالَ: نَظَرْتُ إِلَى أَقْدَامِ الْمُشْرِكِينَ عَلَى رُءُوسِنَا وَنَحْنُ فِي الْغَارِ، فَقُلْتُ: يَا رَسُولَ اللهِ لَوْ أَنَّ أَحَدَهُمْ نَظَرَ إِلَى قَدَمَيْهِ أَبْصَرَنَا تَحْتَ قَدَمَيْهِ، فَقَالَ: «يَا أَبَا بَكْرٍ، مَا ظَنُّكَ بِاثْنَيْنِ اللهُ ثَالِثُهُمَا».متفق عليه
عن أنس بن مالك رضي الله عنه أَنَّ النَبيَّ -صلَّى الله عليه وسلَّم- كَان إِذَا تَكَلَّمَ بِكَلِمَةٍ أَعَادَهَا ثَلاَثًا حَتَّى تُفْهَمَ عَنْهُ، وَإِذَا أَتَى عَلَى قَوْمٍ فَسَلَّمَ عَلَيهِم سَلَّمَ عَلَيهِم ثَلاَثًا.رواه البخاري
عن أبي شريح خويلد بن عمرو الخزاعي و أبي هريرة رضي الله عنهما عن رسول الله صلى الله عليه وسلم قال: «اللَّهُمَّ إِنِّي أُحَرِّجُ حَقَّ الضَعِيفَين: اليَتِيم والمَرْأَة».حديث أبي شريح رواه النسائي. وحديث أبي هريرة رواه ابن ماجه وأحمد
عن أبي هريرة رضي الله عنه أَنَّهُ سَمِعَ النَّبيَّ -صلّى اللهُ عليه وسَلَّم يقول-: «إن العبد ليتكلم بالكلمة ما يتبين فيها يزلُّ بها إلى النار أبعدَ مما بين المشرق والمغرب».متفق عليه
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، ئۇنىڭغا ئەئرابىلاردىن بولغان بىر كىشى مەككە يولىدا ئۇچراشتى، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر ئۇنىڭغا سالام قىلىپ، ئۇنى ئۆزى مېنىۋاتقان ئېشەككە مىندۈرۈپ قويدى ۋە بېشىدىكى سەللىسىنى ئۇنىڭغا بەردى، ئىبنى دىنار مۇنداق دەيدۇ: بىز ئابدۇللاھقا: ئاللاھ ساڭا ياخشىلىق ئاتا قىلسۇن!، ئۇ ئەئرابىلار ئازراق نەرسىگە رازى بولىدىغان كىشىلەر ئىدى، دېدۇق، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر: ئۇنىڭ دادىسى دادام ئۆمەر ئىبنى خەتتابنىڭ دوستى ئىدى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «ياخشىلىقنىڭ ئەڭ ئېسىلى بىر كىشىنىڭ ئاتىسى ياخشى كۆرگەن كىشىلەرگە قىلغان ياخشىلىقىدۇر»، ئىبنى دىنارنىڭ ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر توغرۇلۇق قىلغان رىۋايىتىدە ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر مەككىگە چىقىپ قالسا تۆگە مىنىشتىن زېرىككەندە مىنىپ راھەتلىنىدىغان ئېشىكى ۋە بېشىغا ئورىۋالىدىغان سەللىسى بار ئىدى، بىر كۈنى ئۇ ئېشەككە مىنىپ كېتىۋاتقاندا بىر ئەئرابى ئۇچرىشىپ قالدى، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر: سەن پالانچىنىڭ ئوغلى پالانى ئەمەسمۇ؟ دېدى، ئەئرابى: «شۇنداق» دېدى، ئابدۇللاھ ئېشەكنى ۋە سەللىنى ئۇنىڭغا بېرىپ: «ئېشەكنى مىنگىن ۋە بۇ سەللىنى ئورىغىن» دېدى، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەرنىڭ بەزى ھەمراھلىرى: ئاللاھ سېنى مەغپىرەت قىلسۇن! ، سەن بۇ ئەئرابىغا ئۆزۈڭ مىنىپ راھەتلىنىدىغان ئېشەكنى ۋە بېشىڭغا ئورايدىغان سەللىنى بېرىۋەتتىڭغۇ؟ دېگەندە، ئۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ھەقىقەتەن ياخشىلىقنىڭ ئەڭ ئېسىلى بىر كىشىنىڭ ئاتىسىدىن كىيىن ئاتىسى ياخشى كۆرگەن كىشىلەرگە قىلغان ياخشىلىقىدۇر» دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم، ئۇنىڭ ئاتىسى ئاتام ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دوستى ئىدى، دېدىئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان